تېببىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتى ئېلىۋېتىلگەنلەرنىڭ تەخمىنەن %20 ىدە ئەگەشمە كېسەل پەيدا بولۇپ، %10 ىنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا، ئۆت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئەگەشمە كېسەل كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىتىش زۆرۈر.
ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش ئۆت ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن بەدەننىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى زاپاس ساقلاش ۋە غىزالانغاندا ماس قەدەمدە ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى يوقالغاچقا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى 12بارماق ئۈچەيگە ئېقىپ كىرىپ، ئاشقازاننى رېفلىكىسلىق غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، مەيدىسى قايناشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش، بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىق، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. كۈندە 3 قېتىم قورسىقى ۋە ئىككى بېقىنىنى ئۇۋۇلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقازانغا يېنىپ، ئاشقازان ياللۇغى پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۆت يولى پارازىت قۇرت كېسىلى ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن پۈرمە مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدىغان بولغاچقا، سازاڭسىمان مەددە، زەنجىۋىلسىمان قۇرتلارنى ترىفوتسېفالۇز تۈكلۈك قامچا قۇرتى قاتارلىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆت يولىغا كىرىۋېلىپ، يۇقۇملىنىش، قايتا تاش پەيدا بولۇش ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ھەم قەرەللىك قۇرت يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تاش قالدۇقى قېلىش ۋە قايتا تاش پەيدا بولۇش ئۆتتىكى بىر قىسىم تاش ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىلا ئۆت نەيچىسىگە كىرىۋالىدىغان ياكى ئۆت نەيچىسىدىمۇ تاش پەيدا بولىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قالدۇق تاشنىڭ نىسبىتى كۆپرەك بولسا، ئۆت نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا بىمار يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم سېرىقى، راك، سېرىق ماي، بېلىق كونسىرۋاسى قاتارلىقلارنى ئاز يېيىشى كېرەك. قايمىقى ئايرىۋېلىنغان سۈت پاراشوكى، قوي سۈتى، قېتىق قاتارلىق خولېستېرىن تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا بولىدۇ.
بەزى ماتېرىياللاردا ئېلان قىلىنىشىچە، تاۋۇزنى كۆپ يېسە جىگەر ۋە ئۆتكە پايدىلىق بولۇپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تاشنىڭ قايتا پەيدا بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەككەن
ھەمبەھىرلىنىڭ