چىشنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر

231 2012-02-10 17:53:03   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. سۇ
      مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، چىش مىلىكىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن سۇ ئىچكەندە، ئېغىزدىكى يېمەكلىكنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ، چىشقا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      2. يالپۇز
      يالپۇز يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ئالېكىن تۈرىدىكى خىمىيەۋى بىرىكمىلەر قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە يېنىك، يەڭگىل نەپەسلەندۈرىدۇ.
      3. شېكەرسىز سېغىز
      شېكەرسىز سېغىز شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى تەڭشەپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      4. پىشلاق
      پىشلاق كالتسىي ۋە فوسفاتلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا، ئىشقارلىق قىممىتىنى تەڭشەپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىپ، چىشنى قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم چىشنى چىڭىتىدىغان كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، چىشنىڭ ئېماللىق قەۋىتىنى كۈچەيتىپ ھەم قايتا قۇرۇپ، چىشنى تېخىمۇ چىڭ قىلىدۇ.
      5. بانان
      ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ تەركىبىدە چىش مىلىكىنى قوغدايدىغان ۋىتامىن C بولىدۇ. ئەگەر ۋىتامىن C ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا، چىش مىلىكى ئاجىزلىشىپ، ئاسانلا كېسەللىك پەيدا بولۇپ، چىش مىلىكى ئىششىپ قېلىش، قاناش، چىش بوشاش ياكى چىش چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
      6. كەرەپشە (چىڭسەي)
      كەرەپشە تالا ماددىسى سۈپۈرگىگە ئوخشاش چىشتىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكنى قانچە كۈچەپ چاينىغاندا، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى شۇنچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق قىممىتىنى تەڭشەپ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرىدۇ.
      7. كۆك چاي
      كۆك چاينىڭ تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى فتور چىشنىڭ تەركىبىدىكى ئاپاتىت بىلەن بىرىكىپ، كىسلاتاغا قارشى تۇرۇپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چاي ماددىسى چىشنى قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شەكىل ئۆزگەرتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسىنى ئازلىتىدۇ ۋە ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
      8. باش پىياز
    باش پىيازنىڭ تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمىسى كۈچلۈك بولغان باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش بىرىكمىسى بولۇپ، چىشىڭىزنىڭ قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شەكىل ئۆزگەرتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.
      9. پۇراقلىق موگۇ
      پۇراقلىق موگۇنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەنىڭ چىشتا داغ پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      01. قىچا تالقىنى
      قىچا تالقىنى تەركىبىدىكى ئىزوتىئوسىئاتات چىشنى قۇرت يەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شەكىل ئۆزگەرتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر