كېسەل چارۋا ماللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى ۋە تۆرەلمە قېپى ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بالا تاشلاش ياكى بوغاز بولماسلىق بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتىدۇر. بالا تاشلاش كۆپىنچە كالىلاردا بوغازلىقنىڭ 8-6 ئېيىدا، قويلاردا 4-3 ئېيىدا كۆرۈلىدۇ. ئەركەك ماللاردا كۆپىنچە ئۇرۇقدان ياللۇغى ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا دىياگنۇزى ئېنىقلانغاندىن كېيىنلا براكلىۋېتىش كېرەك. تاشلانغان تۆرەلمە، تۆرەلمە ھەمراھى، باش سۈيى، تۇغۇت يولىدىن چىققان ئاجراندىلارنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش، بۇلغانغان ئۈسكۈنە - سايمان ۋە مەيداننى ئۈزۈل - كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. كېسەللىك تارقالغان رايونلاردا يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە مەنپىي رېئاكسىيە يۈز بەرگەن ماللارغا، يەنى قويلارغا قوي تىپلىق 5 - نومۇرلۇق ئاجىز توكسىنلىق ۋاكسىنا، كالىلارغا بالا تاشلاتقۇچى برۇتسېللا تاياقچە باكتېرىيەسى 19 - نومۇرلۇق باكتېرىيەنىڭ ئاجىز توكسىنلىق تىرىك ۋاكسىنىسىنى ئەملەش كېرەك، بىراق بوغاز كالىلارغا ئوكۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ