ھازىرقى مودا دەۋردە،ئورۇقلۇق يەنىلا قىزلارنىڭ قوغلىشىدىغان ئېقىم،رۇمىنىيەلىك مودېل جوئەننا.سىفەنبوگنىڭ ئاز بولمىغان قىزلارنى ھەۋەسلەندۈرىدىغان فىگۇرى بار،بۇ يىل 30قا كىرگەن جوئەننانىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.67مېتىر،ئېغىرلىقى پەقەت 38كىلوگرام.كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى ئۇنىڭ بەكلا ئىنچىكە ئايلانمىسى يېرى مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بېلى،80سانتېمېتىر كېلىدىغان ساغرا ئايلانمىسىنى ئوراپ تۇرغان كۆينىكىنى سالسا خۇددى«قۇم سائەت»كە ئوخشاپ قالىدۇ،ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدە ئۆزگىچە بەدەن قۇرۇلۇشى كىشلەر تەرىپىدىن«ئادەم تېنى قۇم سائىتى»دەپ ئاتالغان.
لېكىن ئۇ ۋەھشىي ئورۇق ھەم ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلارغا ئوخشىمايدۇ،ئۇ ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەيدۇ،يەنە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئايرىمايدۇ،يۇقىرى ماي تەركىبلىك يېمەكلىكلەر كۈندىلا بارلا بار،لېكىن كىشلەرنىڭ ھەيرانلىقىغا ئەننا چۈشەندۈرۈپ،مېنىڭ ئاشقازىنىم بەك كىچىك،قانچە يېسەممۇ سەمىرمەيمەن دېگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئۇ تۇغۇلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولۇپ،13ياشقا كىرگەندە بەدىنىدە ئۆزگىرىشلەر بولغان،ئۇنىڭ بەل ئايلانمىسى ئاران0.38مېتىر چىقىدۇ،ئادەتتە ئادەم ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى ئورىيالايدۇ.
2006-يىلى، جوئەننانىڭ گىرمانىيەلىك يولدىشى ئۇنى مودېللىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان،نۇرغۇن قىز قانداق ئورۇقلاشنى بىلەلمەي تۇرغاندا،جوئەننا قانچە يېسىمۇ سەمىرەلمەي يۈرگەن، رۇمىنىيەدە ئاياللار تولغان بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارايدۇ،سېمىزلىك بايلىقنىڭ،باياشات،توقلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ(جۇڭگونىڭ كۆز-قارىشىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ)،جوئەننا نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىپ سەمىرمەكچى بولغان،تاتلىق تۈرۈملەرنى،يۇقىرى مەي تەركىبلىك نەرسىلەرنى بولىشىغا يېگەن،لېكىن ھازىرغىچە بۇ سەمىرىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان.