فىرانسىيە پارلامېنتىدا بەس - مۇنازىرە قايناپ كەتتى.«فىرانسىيەدە، بارلىق مەدەنىيەتلەر ئوخشاش قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلود گېئانغا قارىتا نارازىلىقلار بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە.بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلود گېئاننىڭ سۆزلىرىنى «ناتسىستلار ھاكىمىيىتى» گە ئوخشىتىشى فىرانسىيە پارلامېنتىنى زىلزىلىگە سالدى.فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلود گېئاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىدە قىلغان «فىرانسىيەدە، بارلىق مەدەنىيەتلەر ئوخشاش قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە ئەمەس» دېگەن سۆزلىرى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى سېرج لېتشىمى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلود گېئاننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «سىز بىزنى ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ۋە ئادەم توپلاش لاگېرلىنى ياراتقان ياۋروپا ئىدېئولوگىيەسى ئوتتۇرىغا چىققان دەۋىرگە باشلاۋاتىسىز» دېدى. سېرج لېتشىمىنىڭ بۇ سۆزلىرى فىرانسىيە پارلامېنتىنى زىلزىلىگە سالدى. سېرج لېتشىمى نۇتىقىدا كلود گېئاننى باشتىن - ئاخىر قاتتىق تەنقىد قىلدى.مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى پات - پات سېرج لېتشىمىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلود گېئان تەنقىدلەرگە كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب بەردى.
سوتسىيالىست پارلامېنت ئەزاسى سېرج لېتشىمى سۆزلىگەنسېرى فىرانسىيە پارلامېنتى شۇنچە زىلزىلىگە كەلدى.سېرج لېتشىمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي سۆزلەشتىن توختىمىغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر فرانچوئىس فىللون بىلەن مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى زالنى تەرك ئەتتى.ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسى، پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنى «بۇنداق باياناتلار ئارقىلىق رادىكال ئوڭ قاناتلارنىڭ ئاۋازىنى ئوغرىلاش بىلەن» ئەيىبلىمەكتە.