ياز پەسلىدىكى تۇخۇم تۇغۇشتىن كېيىن، توخۇلارنىڭ ئوزوقلۇق سەرپىياتى ئېشىپ، تەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈزدە كۆپ ساندىكى توخۇلار تۇخۇم تۇغۇشتىن توختاپ، جۇلغۇش (پەي ئالماشتۇرۇش) قا باشلايدۇ. توخۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن جۇلغۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15~14 ھەپتە بولىدۇ. مەجبۇرىي جۇلغۇتقاندا توخۇلارنىڭ جۇلغۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
خىمىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ئاچ قويۇش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈش
توخۇغا 2 كۈن يەم، سۇ بەرمەي ھەمدە قوشۇمچە يورۇتماي، يەم چەكلەش ئارقىلىق مېتابولىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇلسا توخۇلار بىرلا ۋاقىتتا پەي ئالماشتۇرىدۇ. 3 - كۈنىدىن باشلاپ، توخۇلارغا ئازراق سۇ ۋە تەركىبىدە %2 سىنك سۇلفات بولغان يەم بېرىپ، 10 - كۈنىگە كەلگەندە نورمال ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ ھەمدە قوشۇمچە يورۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئادەتتە 2 ئايدىن كېيىن توخۇلار تەڭلا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى ئۆزلىكىدىن پەي ئالماشتۇرغاندىكىگە قارىغاندا %12~%9 يۇقىرى بولىدۇ.
يەم ۋە ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش
جۇلغۇش مەزگىلىدە تۇخۇم توخۇلىرىنىڭ ئاچلىق تۈپەيلىدىن سېلىنچا قىلىنغان ئوت - چۆپ، تاش - توپا ۋە پەي قاتارلىقلارنى يەۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يەم بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن يەم بېرىش مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش ھەمدە بارلىق توخۇلارنىڭ تەڭ ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توخۇلارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ %4~%3 كە يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېتەرلىك مىقداردا VB، يېشىل ئوت - چۆپ ۋە ئۈندۈرمە يەملەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئۇندىن باشقا، يېتەرلىك سۇغىرىپ، يورۇتۇش ۋاقتىنى تەدرىجىي ئۇزارتىپ 16~15 سائەتكە يەتكۈزۈش كېرەك.
توخۇ توپىنى رەتلەش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئادەتتە توخۇلارنىڭ تۇخۇم مەھسۇلاتى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يىلىغا %20~%15 تۆۋەنلەپ بارىدىغان بولغاچقا، ئىشلىتىش يىل چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن توخۇلارنى جۇلغۇش مەزگىلىدە شاللاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باقمىچىلىق تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تېجەش ئۈچۈن كېسەل تەگكەن، تۆۋەن مەھسۇلاتلىق توخۇلارنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. جۇلغۇش مەزگىلىدە توخۇلارغا ئۆي قۇشلىرى خولېراسى، توخۇ يۇقۇملۇق كانايچە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىق ۋاكسىنىلارنى ئەملەش ۋە قۇرتسىزلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ