راكقا قارشى ئالاھىدە يېمەكلىك - تاتلىق بەرەنگە

43 2012-01-31 16:20:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ياپونىيە دۆلەتلىك راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاتلىق بەرەنگىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى تاتلىق بەرەنگىدىكى بىر خىل ئالاھىدە تۆھپىكار ھورمون دىھىدروئېپىئاندروستېروننىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بولىدۇ.
      ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بۇ خىل ئالاھىدە ھورموننىڭ سۈت بېزى راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاتلىق بەرەنگىدىكى كاروتىننىڭ مىقدارى سەۋزىنىڭكىدىن كەم بولمايدىكەن، كاروتىن رادىياتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولالايدۇ.
      بۇلاردىن باشقا، تاتلىق بەرەنگىدە يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، قەۋزىيەتنى ياخشىلاش رولى بولىدۇ، يەنە چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بىراق ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش بىمارلىرى تاتلىق بەرەنگىنى كۆپ ئىستېمال قىلمىغىنى ياخشى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر