چىش ئەتراپى ياللۇغى ھامىلدار بولۇشقا پايدىسىز

38 2012-01-31 16:18:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ئاۋستىرالىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ھامىلدار بولغۇسى بار ئاياللارنىڭ، ئەڭ ياخشىسى چىش چوتكىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. 3400 نەپەردىن كۆپرەك ياش ھامىلدار ئايال قاتناشقان بۇ تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، چىش ئەتراپى ساغلام ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىنىپ ئوتتۇرىچە 5 ئاي ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلدار بولغان، بىراق چىش ئەتراپى ياللۇغى بار ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىنىپ ھامىلدار بولغىچە 12-7 ئايغىچە ۋاقىت كەتكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيەسى پەيدا قىلغان ياللۇغلار كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى مەلۇم توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى، شۇ ئارقىلىق ھامىلدار بولۇشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىنكەن.
      بۇندىن باشقا، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىمۇ چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ يۈرەك كېسىلى، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلى، نەپەس يولى كېسەللىكى ۋە بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇشى ياكى بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى بايقالغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر