يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، قىزىل پىيازنىڭ ئادەم تېنىنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنى پەيدا قىلغۇچى بۇزۇلغان خولېستېرىن (تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى) نى چىقىرىپ تاشلىشىغا، شۇنداقلا ياخشى خولېستېرىن (يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى) نىڭ ئادەم تېنىدە كۆپىيىشىگە ياردىمى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. بۇندىن باشقا، قىزىل پىيازنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ زور ياردىمى بولىدىكەن.
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قىزىل پىيازنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان بەزى رايونلاردا راكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولغان.
ئامېرىكىنىڭ قىزىل پىياز كۆپ تېرىلىدىغان جورجىيە شتاتىدا ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى باشقا رايونلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن. جوڭگولۇقلارنىڭ پىياز ئىستېمال قىلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن %40 تۆۋەن. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىزىل پىيازنىڭ راك، يۈرەك كېسىلى، زۇكام، يۆتەل قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ