كۆكتات پارنىكى تۇپرىقىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرى

12 2012-01-31 16:14:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
1. مۇۋاپىق ئېڭىزغا تېرىپ، ھاشارات زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك.
      2. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش كېرەك. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆپ ئوغۇتلىسا، تۇپراق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، سۇ ۋە ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تۇپراق تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددا، ئازوت، فوسفور، كالىي ھەمدە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى كۆپەيتىپ، ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئوغۇت توپلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوغۇت ئېقىپ كېتىشنى ئازايتىپ، تەستە ئېرىيدىغان ناترىي فوسفات ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرى ۋە ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، فوتوسىنتېز رولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكتاتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
      3. ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ئىلمىي ئوغۇتلاش كېرەك. ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن كۆپ ئوغۇتلىسا، تۇپراقتىكى ئېرىشچان تۇز ۋە نىتراتلار ئارتىپ كېتىپ، كېسەل ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنى ئېغىرلاپ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش ئاساسىدا ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، تۇپراق تەركىبىنى ئۆلچەپ، رېتسېپلىق ئوغۇتلاش كېرەك.
      4. تۇپراقنىڭ HP قىممىتىنى تەڭشەش كېرەك. تۇپراقنىڭ HP قىممىتىگە ئاساسەن ماس ھالدا تەڭشەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۇپراقنى كۆپ خىل كۆكتات تېرىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. تۇپراقنىڭ HP قىممىتى 6 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، ئىشقارلىق ياكى فىزىيولوگىيەلىك ئىشقارلىق ئوغۇت ئىشلىتىش، مەسىلەن: ئوت - چۆپ كۈلى، كالتسىي، ماگنىي، فوسفورلۇق ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەك. تۇپراقنى كىسلاتالاشتۇرۇپ، HP قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ھەر مو يەرنى gk3~2 شىڭبەينوڭ بىلەن ئوغۇتلىسا بولىدۇ.
      5. تەكرار تېرىش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. تەكرار تېرىش دورىسى ئىشلەتكەندە، تۇپراقتىكى پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، زىيانلىق باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇپ، كېسەل باكتېرىيەسىنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى، تۇپراق كىسلاتا - ئىشقارلىقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشەپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر