پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش جەريانىدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولى چەكلىمىگە ئۇچراپ، فوتوسىنتېز رولىدىن شەكىللەنگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشى بىرىكىشىدىن تېزلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، كېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، يۇمران مايسىلارنىڭ تۆرەلمە ئوقى ئۇزىراپ، غولى ئىنچىكە ئۆسىدۇ، بوغۇم ئارىلىقى ئۇزىرايدۇ. يوپۇرمىقى نېپىز ھەم سارغۇچ بولۇپ، شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆكتاتلارغا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ:
1. چېچەكنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: قىزىل مۇچ، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار چېچەك مەزگىلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇقسا، چېچەك كىچىكلەپ، ياخشى تەرەققىي قىلالمايدۇ. تەرخەمەك چېچەكلەش مەزگىلىدە كۈچلۈك كۈن نۇرى ھەم يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇقسا، ئاتىلىق چېچەك كۆيۈپ، ئانىلىق چېچەكنىڭ سانى ئازىيىدۇ ھەم چېچەكلىشى كېچىكىدۇ.
2. نۇردىن زەخىملىنىدۇ. كۈن نۇرى كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك تۆۋەن، ھاۋا ئۆتۈشىش ناچار بولسا، كۆكتاتلاردا نۇردىن زەخىملىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يەنى، يوپۇرماقلار ئالدى بىلەن يېشىللىقىنى يوقىتىپ، كېيىن ئاقىرىدۇ، تەدرىجىي تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، مېۋىلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ، پوستى قوتۇرلىشىدۇ ھەم مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.
3. چېچەك ۋە مېۋىلىرى تۆكۈلىدۇ ھەم غەيرىي شەكىلگە كىرىدۇ. يۇقىرى تېپېراتۇرا، بولۇپمۇ كېچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شوخلا ئانىلىق چېچىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەيدۇ. ئاتىلىق چېچەكنىڭ پۈچەك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاڭلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە چېچەك ۋە مېۋىلەر كۆپ مىقداردا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. قىزىل مۇچتا مېۋە شەكىللەنمەيدۇ. كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، شوخلىنىڭ مېۋىسى يېرىلىدۇ، تەرخەمەكنىڭ ساپىقى ئۇزۇن، مېۋىسى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، رەڭگى نورمالسىز بولۇپ، غەيرىي شەكىلدىكى مېۋىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ ھەم تاۋارلىق قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:
ۋاقتىدا شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، پارنىك تېپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش، پاخالدىن ياسالغان يېپىنچىلارنى يېپىش ئارقىلىق، كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىنى چەكلەپ، يوپۇرماق ۋە غولغا سۇ پۈركۈش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ