<بۈگۈنكى ياپونىيە> گېزىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن،كورىيە تاموژنا تەرەپنىڭ ئىسپاتلاپ دېيىشىچە،8 كورىيىلىك ئەر توغرا ئۈچەيگە مەرۋايىت يوشۇرۇپ قاچماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى.
كورىيە تاموژنىنىڭ دېيىشىچە،بۇ 8 ئەر ئالتۇننى ئېرىتىپ كىچىك ئالتۇن مارجىنىغا ئوخشاش قىلىپ توغرا ئۈچىيىگە سىغداپ تىققان،بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن 2010-يىلى ئىككى قېتىم 260مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(1مىليون 640 مىڭ خەلق پۇلى) لىق ئالتۇننى ئەتكەس قىلىپ ياپونىيەگە يۆتكەپ كەتكەن .ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق ئەتكەس قىلغان چاغدا ياپونىيە تاموژنا تەرەپتىن سېزىلىپ قالغان،جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن كورىيىگە قايتۇرۇلغان.
ئارقىدىنلا،ئارىسىدا بىرىنىڭ يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئالتۇننى مۇڭغۇلىيەدىن شياڭگاڭغا ئەتكەس قىلىشنى پىلانلىغان ،ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان.
كورىيە ئەمەلدارلىرى كورىيەدە بۇ جىنايەتچىلەرنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ،ئۇلار ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.