رۇسىيە گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىن كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

34 2012-01-13 12:48:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە رۇسىيە دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش مۇتەخەسسىسى ئونىشېنكو 28 - ئىيون موسكۋادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە: رۇسىيە ھۆكۈمىتى 28- ئىيوندىن ئېتىبارەن گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىن كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى، دېدى.
      ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە ئۈچەي قاناش خاراكتېرلىك چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى يۇقۇمى كۆرۈلگەنلىكتىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2 - ئىيوندىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەردىن يېڭى كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئېچىلغان ياۋروپا - رۇسىيە باشلىقلار يىغىنىدا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغان.
      رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆكتات ئېكسپورت قىلىش بازىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆكتات ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر