رۇسىيە سۇدان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى

27 2012-01-13 12:46:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاشېۋىچ 7 - ئىيۇل موسكۋادا: رۇسىيە جەنۇبىي سۇدان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە يېقىندا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېدى.
      رۇسىيە ت ئا س س ئاگېنتلىقى لۇكاشېۋىچنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، جەنۇبىي سۇدان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە ‹دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ھەقىقىي ئىش قىلىش› تەك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دېدى.
      جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇدان 2005 - يىلى تۈزگەن ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى‹ ۋە بۇ يىل يانۋاردا سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سۇداننىڭ جەنۇبى 9 - ئىيۇل ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامى ‹جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى›، دەپ ئاتالماقچى بولغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر