جۇڭگو ‹سەددىچىن› سانائەت باش شىركىتىنىڭ لېدىرى يىن لىمىڭ بۇ يىل 16 - ئاۋغۇست موسكۋادا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھازىر ئالەملىك ئالەم قاتنىشى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش تۈرلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىدىن ئۈمىد بار›.
يىن لىمىڭ 10 - نۆۋەتلىك موسكۋا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ جۇڭگو ‹سەددىچىن› سانائەت باش شىركىتى يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى مەھكىمىسى ۋە رۇسىيەدىكى ئاساسلىق ئالەم قاتنىشى كارخانىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتى ھەم ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈستىدە خۇلاسە ئېلىپ باردى. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ھەر ئىككى تەرەپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى، دېدى.
يىن لىمىڭ مۇنداق دېدى: ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە رۇسىيەنىڭ تەجرىبىسى مول. رۇسىيە بۇ ساھەدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگو پىدائىيلىرى قاتناشقان رۇسىيە ‹مارس - 500› تۈرى ھازىر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. 500 نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مارسقا چىقىش - قايتىش تەقلىدىي ئۇچۇش سىنىقىنى ئېلىپ بېرىشتا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە مارسقا چىقىشى ئۈچۈن، تەجرىبە توپلاش ۋە تېخنىكا ئاساسى سېلىش مەقسەت قىلىنغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ