خەلق تورى توكيونىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى ،ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ 10 -چىسلا ئاشكارلىغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ نەتىچىسىدە ،2011-يىلى ياپونىيە دۆلىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 531 ئادەمگە ،ئۇدا 14 يىلدىن بېرى 30 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان .بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار بىر يىلدا 1177 ئادەم ئازلىغان ،ھازىر ئۇدا ئىككى يىل ئازلىغان ،لېكىن يەنىلا يۇقىرى سانلىق مەلۇماتنى ساقلاپ كەلمەكتە .
جىنىس ئايرمىسىدىن قارغاندا ،،ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش سانى 20 مىڭ 867 ئادەم ،ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش سانى 9646 ئادەم .رايۇن نوقتىسىدىن قارغاندا ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پايتەخت توكيودا ،3100 ئادەم ،ئوساكادا 1899 ئادەم ،ئۈچىنچى دەرىجىدىكى كاناگاۋا ناھىيىسىدە 1824 ئادەم ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلشى ئەڭ ئاز توكوشىما ناھىيىسى 150 ئادەم ،ئۇنىڭدىن قالسا توتىرىن ناھىيىسىدە 165 ئادەم ،فۇگۇي ناھىيىسىدە 171 ئادەم .ئايلار بويىچە قارغاندا 5- ئايدا ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغانلار 3367 ئادەم ،12- ئايدا 2088 ئادەم .
1997-يىلى ياپونىيەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن 25 مىڭغىچە بولغان ،ئىقسادنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن 1998-يىلى 33000 ئادەم ئۆلۋالغان ،2003-يىلى بولسا 34427 ئادەم ئۆزنى ئۆلتۈرۋېلىپ ئەڭ يۇقىرى سانلىق مىقدار بۇلۇپ قالغان .