قورغاس پورتى بىلەن قازاقىستان چېگرا ئېغىزى تەرەپتىكى تۆمۈريول بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بۇ، جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولىدا يېڭى ئالاقە يولى بەرپا قىلىشىغا ئاساس بولىدۇ.
بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قازاقىستان دۆلەتلىك تۆمۈريول پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى باش بولۇپ شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تىرانسىپورت سىستېمىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى. يىغىنغا جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100 گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.
جۇڭگو - قازاقىستان تۆمۈريول تارماقلىرى 1991 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تىرانسىپورت كەسپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ياخشى ھەمكارلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋەتنى قۇرۇپ چىقتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا ئارقىلىق توشۇلىدىغان مال مىقدارى ئاشماقتا.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالاتاغ پورتىدىن دوستوك پورتىغا تۇتىشىدىغان تۆمۈريولنىڭ مال توشۇش مىقدارى 1991 - يىلىدىكى 160 مىڭ توننىدىن 2010 - يىلىدىكى 15 مىليون 150 مىڭ توننىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 5 مىليون توننا، ئىمپورت قىلىنغان مال مىقدارى10 مىليون 150 مىڭ توننا ئىكەن. ئالاتاغ پورتى بىلەن دوستوك پورتىنىڭ ماددىي ئەشيا ئوبوروت مىقدارى 130 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، چېگرىدىن ئۆتىدىغان يۈك ساندۇقى 1 مىليون 400 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، توشۇلغان يولۇچى 600 مىڭغا يەتكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ