‹قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت كېچىلىكى› شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

132 2012-01-10 12:18:02   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچ سائەت 9 دا (بېيجىڭ ۋاقتى) تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى جۇڭگو چەت ئەل مەدەنىيىتى ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ ‹قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت كېچىلىكى› شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
      قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئوتۇنبايېۋا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالايىتەن كېلىپ ئويۇننى كۆردى.
      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋېن، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چېڭ گوپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتھەسەن توختالى كېچىلىككە قاتناشتى ھەم ئويۇننى كۆردى.
      كېچىلىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل، ‹مەردانە ئالاتاۋ› بىلەن باشلاندى. ‹ئاق مايلى› خەلقئارا ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن قىرغىزىستان مىللىي ئوركېستىرى قىرغىزىستاننىڭ مىللىي ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلىدى. ‹يايلاقتىكى تۇلپار›، ‹ئۇنتۇلماس مېلودىيە› قاتارلىق كىلاسسىك مۇزىكىلار تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، تاماشىبىنلارغا قىرغىزىستاننىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى. بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر