چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،مېكىسىكىنىڭ غەربىدىكى بىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا كوللىكتىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،5 نەپەر زەھەر تاشلىغۇچى قازا قىلىپ،30 دىن ئارتۇق ئادەم كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى.
شۇ جايلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارلىشىچە،بۇ زەھەر تاشلىغۇچىلار روژدىستىۋو بايرىمىلىق تاماقتىكى كالاباسانى يېگەندىن كېيىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.نۆۋەتتە 37 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ،بۇنىڭ ئىچىدە 3 ىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.شۇ جايلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىچە بۇ بىر قېتىملىق تەساددىپىيلىق ئىكەن.