دۆلەتنى پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن بولىۋاتقان ۋەزىيەتتە، دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزگەن زور تەدبىرى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللىشى.
دېڭ شياۋپىڭ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا دېڭ شياۋپىڭ تۇنجى بولۇپ »پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى« دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنكا ھالقا، مائارىپ ئاساس، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەسىگە ئاساسەن پارتىيەنىڭ 12 -، 13 - ۋە 14 - قۇرۇلتىيىدا پەن - تېخنىكا، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلدى. پارتىيەنىڭ 51 - قۇرۇلتىيى ئەسىر ھالقىيدىغان تەرەققىيات يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سۈرئىتى بىرقەدەر تېز، ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، ئومۇمىي ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ بارىدىغان ئىقتىسادنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، بۇ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشنى كونكرېتنى ئورۇنلاشتۇردى.
نۆۋەتتە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولۇپ قالدى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق بەلگە بولۇپ قالدى. ھازىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتا پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا مەملىكىتىمىز گەرچە نۇرغۇنلىغان زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چوڭقۇر تونۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىلا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم.
دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپنىڭ ئىقتىساد بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا خىزمىتى ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازار بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شارائىتى يار بەرگەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارغا كىرىشىگە ياكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، كارخانىلارنى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ۋە سېلىنمىسىنىڭ سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. ئىلغار، ئەمەلىي تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تاۋارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىجتىمائىيلاشقان پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپنى زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈپ، مائارىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۆلچەملىك، ئۈنۈملۈك، كۆپ يوللۇق سېلىنما تۈزۈلمىسىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئىلغار تېخنىكىلارنى نۇقتىلىق تاللاپ كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا، ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باراۋەر ئاساستا بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، خەلقئارا ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، كۆپ يوللۇق، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى روھ، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ - ياشنىشىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يوق مىللەت دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدا تۇرالمايدۇ. بىز »بىلىم ئىگىلىكى« نىڭ خىرىسى ئالدىدا، دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى قەتئىي بوشاشماي تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى پەن - تېخنىكا كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇكەممەل پەن - تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ سىستېما چوقۇم دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يادرو قىلغان بىلىم يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى يادرو قىلغان تېخنىكا يارىتىش سىستېمىسى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئاساس قىلغان بىلىم تارقىتىش سىستېمىسى، شۇنداقلا كارخانا ۋە جەمئىيەتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىلىم ئىشلىتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ بۆشۈكى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تايانچىسى بولۇشى كېرەك.
دۆلەتنى پەن - تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، بىلىمگە ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىختىساد ئىگىلىرى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى.
زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، سىجىل تەرەققىياتنى چوقۇم بىر زور ئىستراتېگىيە قىلىش كېرەك. ئادەم، جەمئىيەت ۋە تەبىئەتنى ماس، تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ماركىسىزمنىڭ ئىزچىل ئىدىيەسى. مەملىكىتىمىز ئاھالىسى كۆپ، بايلىقى نىسبىي كەمچىل دۆلەت، شۇڭا، سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تېخىمۇ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىققا ۋە تەخىرسىزلىككە ئىگە. بايلىقنى تېجەش بىلەن مۇھىتنى ئاسراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن بايلىق ۋە مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ، ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
بايلىق ۋە مۇھىتنى ھەقىقىي قوغداش، دۆلەت زېمىنىدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يەر، سۇ، ئورمان، قېزىلما، دېڭىز - ئوكيان قاتارلىق بايلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا دائىر قانۇنلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولغان كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىستېمال شەكلىنى تاللاش كېرەك. بايلىقنى ئېچىش بىلەن تېجەشنى بىرلەشتۈرۈش، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تۈرلۈك ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرىنى تۈگىتىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش كېرەك. ئومۇمەن، ئەجداتلار ياراتقان بايلىقنى تۈگىتىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويۇشقا، بايلىقنى ئىسراپ قىلىش ۋە مۇھىتنى ئالدى بىلەن بۇلغاپ، ئاندىن تۈزەش يولىغا مېڭىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ