خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا كۆپ خىل ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا

43 2011-12-06 12:25:42   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەنزۇ تىلى دەرسىدە ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىنى پۇختىلاش ئىنتايىن مۇھىم. خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرى كەسپىي پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆمۈر بويى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىمۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلاردا مۇستەقىل ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا ياخشى مۇستەقىل ئۆگىنىش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش بىلەن مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش، ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ۋاسىتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
      خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە يېتەكچىسى بولغان خەنزۇ تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى، بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى جانلىق قوللىنىشى، مۇھىمى دەرسلىك مەنبەسىنى پائال قېزىپ، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ، كۆپ خىل ئوقۇتۇش مېتودىنى جانلىق قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
      كەسپىي مائارىپ »ئادەمنى ئاساس قىلىش« ئىدىيەسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەسلىدىكى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشتىن مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش، ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشكە يۈزلەندۈرۈشتە، ئۆگىنىش تاكتىكىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار قانداق ئۆگىنىشنى بىلمىسە، ئۇ ھالدا مۇستەقىل ئۆگىنەلمەيدۇ ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشكە قاتنىشالمايدۇ، ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش، ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش توغرىسىدا تەپسىلىي توختالماقچىمەن.
      1. مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش
      مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىشنىڭ ئىككى ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچىسى، مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، تەشەببۇسكارلىق مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى. ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ‹مەن ئۆگىنەي› دەيدىغان بولۇشى كېرەك. پەقەت ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ زىممىسىدىن ئوقۇغۇچىنىڭ زىممىسىغا يۆتكىگەندىلا، ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىلا، ئاندىن مۇستەقىل ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچىسى، مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلاردا ‹نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمەن؟›، ‹ئۆگىنەمدىمەن؟›، ‹نېمىنى ئۆگىنىمەن؟›، ‹قانداق ئۆگىنىمەن؟› دېگەندەك مەسىلىلەرگە بەلگىلىك ئىنكاس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پىلانىنى ئۆزى تۈزۈشى، ئۆز - ئۆزىنى يېتەكلىشى ۋە ئۆز - ئۆزىنى كۈچەيتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئومۇمەن، ئوقۇغۇچى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنەلەيدىغان بولغاندىلا، ئاندىن مۇستەقىل جاراكتېردىكى ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
      قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. تولىستوي مۇنداق دېگەنىدى: »مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇتۇش مەجبۇرلاشقا مۇھتاج بولماستىن، ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىتىدۇ«. ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىكىدىكى ھەربىر پارچە ماقالە مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشقا ۋە ئەسەر مەزمۇنىغا ئالاقىدار سۆز - ئىبارىلەرنى تېپىشقا يېتەكلەپ، دەرس ۋاقتىدا ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەتكۈزۈش كېرەك. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار سۆزلىگەن تەسىراتنىڭ تولۇق ھەم توغرا بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەسىراتىنى مۇلاھىزە قىلىپ يەكۈنلەپ بەرسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىز تىلىدا ئىپادىلەش سەۋىيەسىنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
      2. ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش
      ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا ھەمكارلىشىش تەكىتلىنىدۇ، يەنى كوللېكتىپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدۇ. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلار ئارا ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزگەندە ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتۇش مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىي نۇقتىلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، كۆپ خىل ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكىللىرىنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىش ۋە مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى تەشكىللىگۈچى، يېتەكلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن مۇنازىرىگە قاتنىشىشى، ئۇلارنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۆز - ئۆزىنى باھالاش، ئۆزئارا باھالاش ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ باھالىشىنى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكىللىرىگە كىرىشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، مەلۇم بىر تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلىدا مۇنازىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ۋە ئىنكار قىلغۇچى تەرەپلەرگە ئايرىپ، ئۆز كۆز قارىشىنى خەنزۇ تىلىدا تولۇق ۋە توغرا ئىپادىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش پۈرسىتىنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
      3. ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش
      ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى بايقاپ ۋە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا ئىلمىي تەتقىقات تىپىدىكى ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىشى تەكىتلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەريانىدا، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقىدىغان بولىدۇ ھەمدە تىرىشىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، خەنزۇ تىلى دەرسى ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەرستىن سىرتقى كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق، زىيارەت قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، تام گېزىتى چىقىرىش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا ماقالە يېزىشنى تاپشۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك يوللار بىلەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ھەمدە ئانالىز قىلىپ رەتلەپ، ئۆز كۆز قارىشىنى سىڭدۈرگەن ئاساستا ماقالىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىدۇ.
      قىسقىسى، ھازىرقى زامان مائارىپى بارلىق ئوقۇتۇش پائاليەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنى چىقىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خەنزۇ تىلى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بارىدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىشى، ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىدىكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا مۇستەقىل خاراكتېردىكى ئۆگىنىش، ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئاساس قىلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئۆگىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى كەسپىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر