كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ھەققىدە مۇلاھىزە

16 2011-12-06 12:24:06   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بىرىنچى، كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
      دۆلىتىمىزدە ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كۈتۈپخانىچىلىق ئىشلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەكلى، ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا كىتاب ئوقۇش جەھەتتىكى ئادىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ باردى، نۇرغۇنلىغان كۈتۈپخانىلاردا سېلىنما يىلدىن - يىلغا ئېشىش، ئوقۇرمەنلەر يىلدىن - يىلغا ئازىيىش، مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى، شۇڭا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كۈتۈپخانىلارنىڭ يېڭى ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى باشلىدى، كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ ھازىرقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
      ئىككىنچى، كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار
      مەملىكىتىمىزدىكى ئالىملار كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ھەققىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغاندا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى قانداق ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى، چۈنكى بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى كۈتۈپخانىلار تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىغا بىرقەدەر ماس كېلىدۇ.
      ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، پەقەت كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان، بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىرقەدەر ئاز بولماقتا. بۇ نۇقتا كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەتقىقات قىلىش بىلەن روشەن سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە. بۇنىڭدىن، دۆلىتىمىز كۈتۈپخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تور مۇھىتى ۋە ئۇچۇر بايلىقىنىڭ رەقەملىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كەسىپ ۋە ئورۇنلار كۈتۈپخانا تۈسىنى ئالغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، مەسىلەن: سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مۇلازىمەت سودىگەرلىرى، ئۇچۇر مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ھازىر دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كۈتۈپخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا نىسبەتەن ئەندىشە قىلىدىغان بولدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. لېكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يادروڭلۇق رىقابەت كۈچى ھەققىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، يادرولۇق رىقابەت كۈچى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى كارخانىلار توپى بولماستىن، بەلكى خاس كارخانىلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەك، خاس كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بارلىق كۈتۈپخانا كەسپىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ:
      1. خاس كۈتۈپخانىلارنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ھاسىل قىلىدىغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
      نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈتۈپخانا كەسپى بىلەن باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئەمەلىيەتتە كۈتۈپخانا كەسپىدە بولىدۇ. كۈتۈپخانا بىلەن كۈتۈپخانا ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرۇش قارىماققا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتۈپخانا تەمىنلىگەن ماتېرىيال ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە نىسبەتەن رازى بولۇش - بولماسلىقىنى سېلىشتۇرۇش؛ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كۈتۈپخانىلارنىڭ ماتېرىيال ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى سېلىشتۇرۇش؛ تېخىمۇ چوڭقۇر قىلىپ ئېيتقاندا، كۈتۈپخانىلارنىڭ ماتېرىيال ئۇچۇرلارنى توپلاش، كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپلەر كۈتۈپخانىلىرى بىلەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى كۈتۈپخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا، ھەربىي رايون كۈتۈپخانىلىرى بىلەن پارتىيە مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا، ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈتۈپخانىلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، كۈتۈپخانىلار ئوقۇرمەنلىرى ۋە كۈتۈپخانىلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن رىقابەت مۇناسىۋىتى يوق. ئىلگىرى كۈتۈپخانىلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، توپلىغان ماتېرىياللىرى ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇللىرىنىڭ تەسىرىدە ئوخشاش كەسىپتىكى كۈتۈپخانىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ يەنىلا ئاز - تولا رىقابەت مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى ئوتتۇرىسىدىمۇ رىقابەتنى يوق دېگىلى بولمايتتى. لېكىن ھازىر تور ۋە رەقەملىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۈتۈپخانىلار سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ ئارىلىشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. شۇڭا، ھازىر كۈتۈپخانىلارنى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەتقىق قىلىشتا ئالدى بىلەن شۇ كۈتۈپخانا ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.
      2. كۈتۈپخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
      كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى مۇئەييەن بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان مەھسۇلاتتا ئىپادىلىنىدۇ. كۈتۈپخانىلار مۇلازىمەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇرمەنلەرنى ھەر خىل ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ رىقابەت كۈچى ھەر خىل ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەتقىق قىلىشتا، كۈتۈپخانا تەمىنلەيدىغان ماتېرىيال ئۇچۇر مۇلازىمەت مەھسۇلاتىدىن باشلاش كېرەك.
      بىر كۈتۈپخانىنىڭ ماتېرىيال ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ياكى ئىگە بولماسلىقى ئۇ تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ياكى قاندۇرالماسلىقىغا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇلازىمىتىگە رازى بولۇش - بولماسلىقىغا باغلىق. شۇڭا مەن كۈتۈپخانا يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى شۇ كۈتۈپخانا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى بىلەن باغلىق ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتۈپخانا مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى شۇ كۈتۈپخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ، دەپ قارايمەن.
      ئۈچىنچى، كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى
      كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ، بۇنى مەلۇم بىر نۇقتىنى تۇتۇپلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن. بۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى كۆپ خىل بولغاندەك كۈتۈپخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىمۇ كۆپ خىللىققا ئىگە، كارخانىدا مەلۇم بىر خىل مەھسۇلات رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، كۈتۈپخانا مۇلازىمىتىدىمۇ ھەم شۇنداق. كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇتەخەسسىسلەر ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يەنىلا تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
      1. ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. ھازىر ئىنتېرنېت تورى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا، تور مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈتۈپخانىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلەتتى. لېكىن كۈتۈپخانىلارنىڭ بەزى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلىرىنى تور مەڭگۈ ھازىرلىيالمايدۇ، مانا بۇ كۈتۈپخانىلارنىڭ تور دەۋرىدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىدۇر.
      2. ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت. يادرولۇق رىقابەت كۈچى پەقەت خادىملارنىڭ ئۆگىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىلىقلا بارلىققا كېلىدۇ، خادىملارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ھاسىل قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل.
      3. ئىلىم - پەن تەتقىقاتى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. كارخانىلار سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن چوقۇم ئىلىم - پەن تەتقىقاتىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشى كېرەك.
      4. كۈتۈپخانا مەدەنىيىتى كۈتۈپخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى كاتالىزاتور. كۈتۈپخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا پەقەت تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە ماددىي جەھەتتىكى رىغبەتلەندۈرۈشكىلا تايىنىپ قالماي، يەنە كۈتۈپخانىنىڭ قىممەت قارىشىنى تىكلەش ۋە ئۇيۇشقاقلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق كۈتۈپخانا مەدەنىيىتىنى تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن كۈتۈپخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
      ئومۇمەن، يېڭى ئۇچۇر دەۋرىدە، كۈتۈپخانىلار سىجىل تەرەققىياتنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقدا پەقەت ئۆزىنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە باشقا كۈتۈپخانىلارغىمۇ نەزەر سېلىشى، كۈتۈپخانىلاردىن باشقا ساھەلەرنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت ئەھۋاللىرىنىمۇ تەتقىق قىلىشى كېرەك.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر