تەھرىرلىك خىزمىتى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە چەكلىمىسى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گەرچە تەھرىرلىك جەريانى مۇئەييەن تەرتىپكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىزمەت ئوبيېكتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، بىلىمنىڭ مىقدارى تېزلىكتە كۆپەيمەكتە. ھەر خىل پەنلەر مەخسۇسلىشىش يولىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆزئارا كىرىشىپ ۋە سىڭىشىپ، بىر گەۋدىلىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلمەكتە. بۇلار تەھرىرلىك خىزمىتىدە ئەكس ئېتىپ، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ھەمدە مۇھەررىرلەرنىڭ ئالدىغا يېڭى - يېڭى مەسىلىلەرنى قويماقتا. شۇڭا، مۇھەررىرلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە بىلىمىنى تولۇقلاش ئارقىلىق، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، پىشقان مۇھەررىرلەردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىلىم تولۇقلاشنىڭ كۆپ خىل يوللىرىدىن تولۇق پايدىلانغان ئاساستا، سوتسىيالىستىك ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش تەلىپىنىڭ نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى يېتەكچى، مۇھەررىرلىك خىزمەت ئورنىنى تەھرىرلىك سەنئىتىنى ئۆگىنىدىغان بازا قىلىشى كېرەك.
1. ماركىسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسىنى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
ماركىسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، نەشرىياتچىلىقنىڭ سىياسىي نىشانىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ نەشرىياتچىلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مۇھەررىرلەر نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىنى چىقىش قىلغان ھالدا، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ نەشرىياتچىلىقتىكى مۇستەھكەم بازىلىق ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، شۇنداقلا ئىسلاھات - تەرەققىياتقا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان نەزەرىيەلەرنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەلا بولغان مەدەنىيەت تارقىتىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى ئېلىمىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا، مۇھەررىرلەر باشتىن - ئاخىر نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
2. تەھرىرلىك نەزەرىيەسى ۋە تەھرىرلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
تەھرىرلىك خىزمەت ئوبيېكتىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇش خاراكتېرى مۇھەررىرنىڭ بىلىم زاپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى بەلگىلىگەن. بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشى سەۋەبىدىن، بىلىمنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىش دائىرىسى تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 600 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىتاب، 500 مىڭغا يېقىن پەن - تېخنىكا ژۇرنىلى نەشر قىلىنىدىكەن. ئىلمىي ماقالىلەر بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇلار ھەر يىلى %8-%7 ئېشىپ، ھەر10 يىلدا بىر قاتلىنىدىكەن. شۇڭا، مۇھەررىرلەر ئەسلىدە بار بولغان بىلىمىگىلا قانائەت قىلىپ قالماي، ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان چەكسىز بىلىم دېڭىزىغا يۈزلىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھەممە ماقالە - ئەسەردە كونىنىڭ ئىچىدە يېڭى، يېڭىنىڭ ئىچىدە كونا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، پېشقەدەم يازغۇچىنىڭ يېڭى ئىزدىنىشى بولسا، يېڭى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى بولىدۇ. مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالە - ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز كېلىپ تۇرىدۇ. مۇھەررىر ھەرقانچە بىلىملىك بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىگە قادىر بولالمايدۇ. بۇ مۇھەررىرلەردىن بىلىم زاپىسىنى داۋاملىق موللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، مۇھەررىرلەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى بويىچە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، كەسىپداشلار ئارا كۈچلۈك رىقابەتتە مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ ۋە كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر مۇھەررىرلەردىن بولۇپ چىقالايدۇ.
3. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
تەھرىرلىك خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئۇ مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك قىيىنچىلىق، توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. پەقەت قەيسىرانە روھنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئاندىن تەھرىرلىك خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى ۋە يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ مۇھەررىرلەردىن كۈچلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياراملىق، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان جۈرئەت ۋە ئىرادىگە ئىگە بولۇشنى، ھازىرقى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر خىل كونا ئىدىيەۋى قاراش ۋە كونا خىزمەت ئۇسۇلىنى دادىللىق بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، مۇھەررىرلەر ئۆز قوشۇنى ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى، جۈملىدىن تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ يېڭى نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىشى، تەھرىرلىك خىزمىتىنى مەڭگۈ ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ ئىجراچىسى، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان خىزمەت بازىسى قىلىشى، ئۆزىنى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتىگە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇ دەۋرنىڭ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى.
4. يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇر شەكلىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.
مۇھەررىرلەرنىڭ تەھرىرلىك خىزمەت ھالقىلىرىدا ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ئىجادىي تەپەككۇر شەكلىنى قوللىنىشى ياكى يېپىق شەكىلدىكى كونسېرۋاتىپلىق تەپەككۇر شەكلىنى قوللىنىشى، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش - سىلجىتالماسلىقتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەپەككۇر شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇھەررىرلەر چوقۇم ئىدىيەدە ئازات بولۇشى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشى، دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان تۈرلۈك رامكىلارنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلىشى، بولۇپمۇ يېڭى ۋەزىيەتتە پەيدا بولغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئادەت خاراكتېرلىق تەپەككۇرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى تەپەككۇرنى شەكىللەندۈرۈشى، ئۈزلۈكسىز ھالدا كونىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن مۇھەررىرلەر ئەسەرلەرگە توغرا بولغان دۇنيا قاراش، قىممەت قاراش، كىشىلىك قاراشلىرىنى دەۋر مەدەنىيىتىگە ماس بولغان ئىجادىي تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى سىڭدۈرۈپ تەھرىرلەپ، جەمئىيەتكە بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلالايدۇ. بۇ مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئارقىلىق، بىر ئەۋلات مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەربىيەلەپ چىقىپ، ئىناق جەمئىيەت، ئىناق مەدەنىيەت، ئىناق ئائىلە قۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مۇھەررىرلەر يەنە مەسىلىلەرگە دىيالىكتىك ئاساستا قاراشقا ماھىر بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشى، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ۋە جەمئىيەت ئەدەپ - ئەخلاقىغا، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا، شۇنداقلا يەنە تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشى ۋە ئىگىلىشى كېرەك. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق پايدىلىق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، جامائەت ئەخلاقىنى بەرپا قىلىش ھەم ناچار ئىدىيەۋى قاراشلارنى تۈگىتىش، جامائەت ئەخلاقىدا، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا يامراپ كەتكەن ناچار ئىدىيەلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتىكى پايدىلىق نەتىجىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى دادىللىق بىلەن ئەينەك قىلىشى، مۇشۇ ئاساستا يېڭىلىق يارىتىشچان تەپەككۇر شەكلىنى تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي مۇھەررىرلەردىن بولۇپ چىققىلى بولىدۇ.
5. يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى بولۇشى كېرەك.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، مۇھەررىرلەر ئاۋۋال باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە باشقىلارنىڭمۇ يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشى، كۈتۈپ تۇرۇش، قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى، سۇبيېكتىپ ئارزۇغا ئاساسلىنىپ ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقى، قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىقى كېرەك. چوقۇم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئاشۇرۇشى، تەدبىرلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشى، يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
6. يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.
مۇھەررىرلەر قوشۇنى ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ھۆرمەت قىلىدىغان، خاتالىققا كەڭ قورساق بولىدىغان، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرىدىغان، پەرققە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى مۇھىت ۋە كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ مۇھەررىرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىشقا تىرىشىش كېرەك. مۇھەررىرلەر قوبۇل قىلىنغان ماقالە - ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش جەريانىدا يولۇقتۇرغان مەسىلىلەرنى تەھرىرلەش ئارقىلىق قولىدىكى تەھرىرلىنىپ چىققان ئەسەرنىڭ نادىر ئەسەرگە ئايلىنىپ چىقىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، مۇھەررىرلەرنى قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىجادىي پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ماقالە - ئەسەر تەھرىرلەشتىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە تەھرىرلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، مۇھەررىرلەر قوشۇنى ئىچىدىكى ئىناقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈش، مۇھەررىرلەردە يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ئىلھام بېرىدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇمۇ مۇھەررىرلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، تەھرىرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
7. قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش كەيپىياتى ۋە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.
قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى نەشرىياتچىلىق ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، بۇ مەنبە يەنىلا كەڭ جەمىئىيەتتىن، كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. مۇھەررىرلەر پارتىيەنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى نۇقتىئىينەزەر، يېڭى تەدبىرلەر توغرىسىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى ھەم بۇ نەزەرىيەلەر بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، ئەسەر تەھرىرلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيەمىز قۇرۇلغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىن بۇيانقى مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ جەمئىيەت ئەخلاقىغا، مەنىۋىيىتىمىزگە يات بولغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، نەشرىياتچىلىقتا نادىر ئەسەر بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى ئاساس، مەنىۋى تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى، مۇھەررىرلەر ھەر دائىم پارتىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىشى، مۇھەررىرلىك كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مۇھەررىرلەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، ئالدىغا كەلگەن ھەرقانداق ئەسەرنى بىمالال تەھرىرلىيەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە پىشقان مۇھەرىرلەردىن بولۇپ چىقالايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ