دۇنيادا مىڭ خىلدەك تىل بار. خەنزۇ تىلى ئەڭ ئاساسلىق تىللارنىڭ بىرى. مەملىكىتىمىزدە، خەنزۇ تىلى %90 دىن ئارتۇق نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان خەنزۇ خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماي، يەنە قېرىنداش مىللەتلەردىن مانجۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئىشلىتىدىغان تىل، شۇنداقلا يەنە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەر ئارا ئالاقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
دۆلىتىمىز خەلقئارالىق ئىشلاردا بارغانسېرى ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ۋە تەتقىقاتىغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. خەنزۇ تىلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھازىر يۇقىرى تېخنىكىلىك ساھەلەردە، خەنزۇ تىلىدىكى كومپيۇتىر ھەمدە ئۇنىڭ ئاپتوماتلاشقان مۇلازىمەت سىستېما تەتقىقاتىدا، دۇنيا ئېلېكترون دۇنياسىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى. بۇ خەنزۇ تىلىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئاراغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ خىل يۈزلىنىش ئالدىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى ئاڭلاش ئىقتىدارى تىل ئالاقىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھالقا ۋە ئاساس. ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق تىل ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تىل ئىقتىدارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى قاتلامغا تەۋە بولغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تىل ئىقتىدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆگەنگۈچىلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاڭلىغان مەزمۇنغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشنى، توغرا ئىگىلەش ۋە داۋاملىق ئەستە ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال تىل بىلىمى ۋە پىسخىكا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.
ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان مۇھىم ئامىل، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىدىكى ئاساسلىق كاشىلا. ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب. ئاڭلاش ئىقتىدارى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى بىلىملەردىن بارلىققا كەلگەن ئۇنىۋېرسال ئۇقۇم. خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا ئائىت بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش زۆرۈر. ئەگەر لازىم بولغان خەنزۇ تىلى مەدەنىيەت بىلىملىرى كەمچىل بولسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشقا، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى، خىزمەت تېپىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇنىڭدىن ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. ئەمما خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىدە، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئوقۇغۇچىلار ئەڭ قېينىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىدار. شۇڭا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدا ئاڭلاپ چۈشىنەلمەسلىك، سۆزلىيەلمەسلىك، چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ئاڭلاش سۆزلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدارىغا يەتمەسلىك مەسلىلىرى ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت. بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، پىسخىكا جەھەتتىكى توسالغۇ
پىسخىكىدىكى توسالغۇ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنىشتە قىينىلىشىدىكى سەۋەب. كۆپچىلىككە مەلۇم ئاڭلاش يۈرەك، مېڭە، قۇلاق قاتارلىق ئەزالارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر خەنزۇ تىلىنى دەسلەپ ئۆگەنگەندە، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاساسى ئاجىز بولسا ئۇلاردا بۇ جەھەتتە ئۆزىگە ئىشەنچى بولمايدۇ.
خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاشتىكى قىيىنچىلىقى ئۇلارنىڭ پىسخىلىك توسالغۇسىدىن كېلىدۇ. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز بولغانلىقتىن، خەنزۇ تىلىنى ئاڭلىغاندا، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزىگە مەلۇم بولغاچقا، بۇنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن يۈرەك، مېڭە، قۇلاقنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سالالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان مەزمۇنلارنىمۇ چۈشىنەلمەي قالىدۇ، ھەتتا بارغانسېرى ئاڭلاپ چۈشىنىشتە قىينىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئىككىنچى، تىلنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق
بىز ئۆگىنىدىغان يېڭى بىر تىلغا ئائىت بىلىملەر كۆرۈش سەزگۈمىز ئارقىلىق بولىدۇ. شۇڭا مېڭىمىزدە مۇناسىپ بولغان ئاڭلاپ چۈشىنىش سەزگۈسى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ. بەزىدە ئاڭلاش سەزگۈسى شەكىللەنگەن تەقدىردىمۇ، تەلەپپۇز توغرا بولمىغاندا، باشقىلارنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپمۇ بۇنىڭغا توغرا ئىنكاس قايتۇرالمايمىز. ئاڭلىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىن يېڭى سۆزلۈك، يېڭى جۈملە، يېڭى گىرامماتىكىلىق ھادىسىلەرنى بايقىغاندا ياكى ئۇلاپ ئوقۇش، بوش ئاۋازدا ئوقۇش ياكى ئۇرغۇنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ جۈملىدە ئۆزگۈرۈش بولسا، بۇ ئاڭلاپ چۈشىنىشتىكى قىيىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى، مەزمۇننى چۈشىنىشتىكى قىيىنچىلىق
ئىنسانلار تىلغا تايىنىپ مەدەنىيەتنى ياراتقان ھەمدە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىپادىلەش شەكلىگىمۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى قالدۇرۇلغان. كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ھەۋىسى قاتارلىقلارنى چۈشەنمىگەچكە ھەمدە پىسخىكىلىك بىسىم تۈپەيلى، ماتېرىياللاردا يېڭى سۆزلۈك، يېڭى گىرامماتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ قوينىغا كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بىر-بىرىگە بولغان قىزىقىش ۋە مەكتەپ تۇرمۇشىدىكى يېڭىلىق، ئۇلاردا كۈچلۈك بولغان ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئىستىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغانلىقتىن، بىلىدىغان سۆزلۈكلىرى ئاز بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ، ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمەن:
1. ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تىل مۇھىتى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكا سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، گىرامماتىكىلىق بىلىم بولمىغاندا، ناھايىتى ئاز مەزمۇننى چۈشەندۈرۈشتە قىينىلىدۇ. سۆزلۈك بولمىغاندا ھېچنىمىنى ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ليۇ رۇنچىڭ مۇنداق دەيدۇ: ماقالە ئوقۇغاندا يېڭى سۆزلۈك ئۇچراپ قالغاندا، ماقالىنىڭ باش - ئاخىرىغا قاراپ تەسەۋۋۇر قىلىپ تاپقىلى بولىدۇ ياكى لۇغەت ئاختۇرۇپ تاپسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ماقالىنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەمما ئاڭلاش جەريانىدا يېڭى سۆزلۈككە ئۇچراپ قالسا، توختاپ تۇرۇپ بۇ سۆزنى قىياس قىلسا، ماقالىنىڭ كېيىنكى مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا سۆزلۈك مىقدارىنى كۆپەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە، سۆزلۈك دېگىنىمىز كۆپ ئاڭلىغان، كۆپ سۆزلىگەن، كۆپ قېتىم يازغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش، ئېغىزچە ئىپادىلەش، ئاڭلاش مەشىقى قىلىش، ئوقۇپ تۇرۇپ يېزىش مەشىقى قىلدۇرۇشتەك شەكىللەر ئارقىلىق كۆپرەك يېتەكلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا قۇلاق، كۆز ئىنكاسىنى پەيدا قىلىپ، مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى كېرەك. يازمىچە بىلەن ئاغزاكى ئالاقىدە ماسلىشىشچانلىقنى پەيدا قىلىپ، تىل سېزىمى پەيدا قىلىشى، تىل ھەرىكىتىگە بولغان ئىنكاس ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار گىرامماتىكىلىق بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن گىرامماتىكىلىق بىلىملەرنى ۋاقتىدا ئىگىلىيەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
2. نىشانلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
1) خەنزۇچە پىكىر قىلىش ئىقتىدارى. سىنىپتا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىشتەك ئۇنىۋېرسال مەشىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن سېزىم پەيدا قىلىپ، خەنزۇ تىلىدا پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋە چۈشىنىشكە ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك.
2) پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى. ئاڭلاش ئىقتىدارى سۆزلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى ئېغىزچە خەنزۇ تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىشقا يېتەكلىشى، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
3) پەرەز قىلىش ئىقتىدارى
ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن پىسخىكىلىك تەييارلىقنى قىلىپ بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تەييارلىقسىز ھالەتتە ئاڭلىغاندا مەزمۇننىڭ ئۈنۈمى ئادەتتە ئانچە ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، ئوقۇتقۇچى ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچە سوئال سورىشى ياكى ئوقۇغۇچىلارنى ماتېرىيالنىڭ تېمىسى بىلەن تونىشىپ چىقىشقا، بىرقانچە تاللاش سوئالى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئاڭلاش ئالدىدا تۇرغان ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىنى پەرەز قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىيالنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى چۈشىنىشىكە پايدىلىق ياخشى ئۇسۇل.
3. ئاڭلاش ئىقتىدار مەشىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
تىلنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ئالاقىسى ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان ئىجادچانلىققا ئىگە ھەرىكەت. ئاڭلاش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار تىل بىلىملىرى ۋە تىلدىن خالىي ۋاسىتەنى ئىشقا سېلىپ تەپەككۈر قىلىش ۋە پەرەز قىلىشقا، سۆزلىگۈچىنىڭ مەقستىنى چۈشىنىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلاردا پىلان بولۇشى كېرەك.
1) ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ماددى نەرسىلەر، فوتو سۈرەت، سىنئالغۇ قاتارلىقلارنى ماتېرىيال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر قەدەر چىن بولغان تىل مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆرۈش سىزىمى بىلەن ئاڭلاش سېزىمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلىغانلىرىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان بولۇشىغا يېتەكلىشى كېرەك.
2) ئاڭلاش ۋە سۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈش. سۆزلىگەندە قۇلاق ئاڭلايدۇ. سۆزلەش ئاڭلاش بىلەن باراۋەر. ئۇنداق بولغانكەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك سۆزلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئاڭلاش سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خەنزۇچە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. شۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە خەنزۇ تىلىغا بولغان سېزىمنى شەكىللەندۈرۈپ، تىلغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدار ئاساسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. 3) خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇش. ئەستايىدىل ئاڭلاش دېگەنلىك تەلەپپۇزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. سۆزلۈكلەرنى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش، ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى بىلەن تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئاڭلاش ئەستايىدىل ئاڭلاشنى پۇختىلايدىغان، تولۇقلايدىغان ئۇسۇل. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كەڭ تېما ۋە ئاڭلاش ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تىل ئالاقىسىنى پۇختىلاشقا ئاساس سالىدۇ. بۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، تەپسىلاتلارنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ.
4) دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش. ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارى بىر خىل ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىي ھەرىكەت. دەرسخانىدىكى دەرسكىلا تايىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئىككىنچى دەرسخانىسىنى تەسىس قىلىش كېرەك. مەسىلەن: خەنزۇ تىلى كۇلۇبى، راديو ئۇزۇلى دېگەندەك. كۆپ خىل مەزمۇنلۇق خەنزۇ تىلى پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەنزۇ تىلىغا ئائىت مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ھەقىقىي بولغان خەنزۇ تىلى ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئاڭلاپ چۈشىنىش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشىق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئاڭلاش جەريانىدا، يۇقىرىقى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئاڭلاش جەريانىدىكى بىرقانچە تەپسىلاتقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىنچىكە تەپسىلاتلار جەھەتتە ئەستە تۇتالماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا خاتىرە قالدۇرۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش مۇھىم. خاتىرە قالدۇرۇش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەپچىل چارە. ئەمەلىيەتتە خاتىرە قالدۇرۇشنى دەسلەپتىلا باشلاش كېرەك. بۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. خاتىرە قالدۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئۇسۇلنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. تاللاپ خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك. ئاڭلىغان مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن خاتىرە قالدۇرۇش ھاجەتسىز. مۇھىم ھالقىلىق مەزمۇننى خاتىرىلىۋالسىلا بولىدۇ. مەسىلەن ۋاقىت، ئورۇن، سانلىق مىقدار ياكى ئۆزى ئالاھىدە قىزىققان مەزمۇن قاتارلىقلار.
2. قىسقارتىپ يېزىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىغان مەزمۇنلارنى قىسقارتىپ يېزىش شەكلى ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى بىسىمنى يېنىكلىتىشى كېرەك.
3. سىستېمىلىك ھالدا خاتىرە قالدۇرۇش، قاتلام ۋە دائىرىگە بۆلۈپ خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.
يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى شۇنداق خۇلاسىلاشقا بولىدۇكى، ئاڭلاپ چۈشىنىش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىدىكى بىر قېيىن نۇقتا. ئاڭلاپ چۈشىنىش سەۋىيەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق بىر جەھەتتىكى ئىقتىدارى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاڭلاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزلىرىدىكى يېتەرسىزلىكنى تونۇپ يېتىشى، تىل ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلىشى، كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئىگىلەپ، ئاڭلاش، ئوقۇش، سۆزلەش، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قەدەم بىلەن يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەنزۇ تىلىغا بولغان ئۇنىۋېرسال ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى تىل ئالاقىسى ئۈچۈن ئاساس تىكلىشى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ