رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاموژنا مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2011 - يىلى دەسلەپكى 7 ئايدا رۇسىيەنىڭ م د ب (مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى) نىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئـوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %43.8 ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە 7 - ئايدىكى ئىمپورت سوممىسىلا 21 مىليارد 340 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئـوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.7227.1 ئارتقان، سېلىشتۇرما نىسبىتى %3.6 تۆۋەنلىگەن.
م د ب نىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئىچىدە، ماشىنا تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىمپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %1.0440.1 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان ئىمپورت سوممىسى 1.8 ھەسسە، پاراخوت ئىمپورت سوممىسى %70، ئاپتوموبىل ئىمپورت سوممىسى %60 ئۆرلىگەن. يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت سوممىسىدىمۇ بىرقەدەر چوڭ نىسبەتتە ئېشىش كۆرۈلۈپ، %14.9 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە شېكەرنىڭ ئىمپورت سوممىسى3.2 ھەسسە، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىمپورت سوممىسى 3 ھەسسە، كۆكتات ئىمپورت سوممىسى %60 ئاشقان.
ھەمبەھىرلىنىڭ