بۇ يىل تاجىكىستاندا بېنزىننىڭ باھاسى ئۆرلىدى

69 2011-12-02 15:55:16   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
يېقىندا تاجىكىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە تاجىكىستان پايتەختىدە بېنزىننىڭ باھاسى %39.1 ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
      بۇ يىل 7 - ئايدا دۈشەنبە شەھىرىدە ھەر لىتىر بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 6.4 سومنى(53.1ئامېرىكا دوللىرى) بولدى.
      تاجىكىستاندا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ %83 ى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ، بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە تاجىكىستان رۇسىيەدىن 213 مىڭ توننا، ئومۇمىي قىممىتى 204 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلدى.
      2010 - يىلى 5 - ئايدا روسىيە ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن تاجىكىستاندا ھەر خىل نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى.
      يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقتى. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا تاجىكىستاندا پۇل پاخاللىق نىسبىتى %7 بولدى.
      بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش تاموژنا بېجى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.6 تۆۋەنلىدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر: رۇسىيەنىڭ تاموژنا ئېكسپورت بېجىنىڭ تۆۋەنلىشى يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى باھاسىنى بەلگىلەشكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ قارىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر