تاجىكىستاننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئاليۇمىن ئېكسپورت سوممىسى ئاشتى

50 2011-12-02 15:51:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تاجىكىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يېقىندا: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا تاجىكىستان ئاليۇمىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاليۇمىن نۆكچىسى 150 مىڭ توننا بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكىگە قارىغاندا 30 مىڭ توننا تۆۋەنلىدى، يەنى تۆۋەنلەش دەرىجىسى %16.7 بولدى، دېدى.
     2011- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، تاجىكىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولغان دەسلەپكى ئاليۇمىننىڭ ئېكسپورت سوممىسى 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %64 ىنى ئىگىلىدى. ھازىر، ھەر توننا ئاليۇمىن نۆكچىسىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى 4400 ئامېرىكا دوللىرى بولماقتا.
      2011 - يىلى تاجىكىستان 390 مىڭ توننا ئاليۇمىن نۆكچىسى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر