يېقىندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پەن، تېخنىكا ۋە مائارىپ كومىتېتى ‹رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ 0202 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات سىياسىتى پىرىنسىپى› لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيەدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ مەزكۇر لايىھەگە نىسبەتەن پىكىر - تەكلىپىنى ئالدى.
‹رۇسىيەنىڭ 2020 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات سىياسىتى پىرىنسىپى› لايىھەسى جەمئىي 6 قىسىمدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي پىرىنسىپ، دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسى، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت پەن - تېخنىكىسىنىڭ دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ رۇسىيەنى مەنپەئەتلەندۈرۈش، مەزكۇر پىرىنسىپنى يۈرگۈزۈشنىڭ كونكرېت باسقۇچلىرىدىن ئىبارەت.
پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ پىكىرى توپلاپ يىغىنچاقلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر لايىھە ھۆججەت شەكلىدە رەتلىنىپ، 9 - ئايدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك كومىتېتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پەن، تېخنىكا ۋە مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدۇ.
رۇسىيەنىڭ پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەربابلار دۆلەت پەن - تېخنىكا سىياسىتىنى تۈزۈشكە قاتنىشىش شان - شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ كەسكىنلىكىگە قارىتا گۇمانىي قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان »رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ 2010 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات سىياسىتى پىرىنسىپى« دا بەلگىلەنگەن نۇرغۇن ۋەزىپىلەر ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىپ بولۇنمىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ