ئاقسۇنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكسپورت ئالمىلىرى قازاقىستانغا سېتىلدى

0 2011-12-01 13:28:01   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
نۆۋەتتە، ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئاقسۇ رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى40توننا بالدۇر پىشقان ئالمىسىمۇ قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىندى.
      ئاقسۇ شەھەرلىك سورتلۇق ئۇرۇقلۇق مەيدانىدىكى لى جيۇمىڭنىڭ بېغىدىكى چەت ئەللەرگە چىقىرىشقا تىزىملانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مېۋىسى قازاقىستانغا سېتىلدى. ئۆتكەن يىلى ئۇ تېرىغان600 مو يەردىكى بالدۇر پىشقان ئالمىلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەللەرگە چىقىرىلىدىغان ئالما قىلىپ بېكىتىلىپ تىزىمغا ئېلىنغانىدى، ئالما ئېكسپورت كىرىمى 650 مىڭ يۈەن بولغانىدى. لى جيۇمىڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: بۇ ئالمىنىڭ قازاقىستاندىكى باھاسى دۆلەت ئىچىدىكىگە قارىغاندا %30 - %20 يۇقىرى.
      نۆۋەتتە، ئاقسۇ رايونىدىكى مېۋىسىنى چەت ئەللەرگە چىقىرىشقا تىزىملانغان مېۋىلىك باغلار 282 بولۇپ، كۆلىمى 98 مىڭ 815 موغا يېتىدۇ. بۇ يىل دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئاقسۇ رايونىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى جانلاندى. ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، چىلىنى ۋە ياڭىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدىكى پېرېۋوت يارىتىدىغان داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ رايونلۇق تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش ئىدارىسى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېكسپورتتا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېكسپورت قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يېتەكلەپ، سۈپەت ھالقىسىنى چىڭ تۇتتى، »شىركەت + بازا + ئۆلچەملەشتۈرۈش« تىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال يۈرگۈزدى، مېۋە - چېۋە ئېكسپورتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. بۇ يىل دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئاقسۇ رايونى ئېكسپورت قىلغان مال 15مىڭ 227 توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون 355 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى مېۋە - چېۋە، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى، ئۆرۈك مۇرابباسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
      ئاقسۇ رايونلۇق تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې خېڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا بىز ئېكسپورت - ئىمپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ھالدا ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېكسپورت - ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر