جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ھەمكارلىقىدىكى ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرى باشلاندى

0 2011-12-01 13:26:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ھەمكارلىقىدىكى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئېلىكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى يېقىندا جالالئاباد ئوبلاستىنىڭ ئاككېرمان بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.
      قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئوتانبايېۋ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو قىرغىزىستانغا زور ياردەم بەردى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، كۆپلىگەن قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى يۈرگۈزدى، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خالىس ياردىمىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ، قىرغىزىستان  - جۇڭگو مۇناسىۋىتى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ.
      ئوتانبايېۋ مۇنداق دېدى: بۇ توك يوللاش تىرانسفورماتور پونكىتى قۇرۇلۇشى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا يەنە قىرغىزىستان دۆلەت ئېنېرگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
      قىرغىزىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى توربايېۋ مۇنداق دېدى: داتكا 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورماتور پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قىرغىزىستان ئېنېرگىيە تارىخىدىكى دەۋر خاراكتېرلىك ئۇلۇغ ئىش ھېسابلىنىدۇ. داتكا تىرانسفورماتور پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالالئاباد، باتكېن رايونلىرىدىكى ئاھالىلار توكسىز قالىدىغان ھالەتتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ، قىش پەسلىدە قەرەللىك ھالدا توك ئىشلىتىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، داتكا تىرانسفورماتور پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېلېكتىر تورىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشتەك ھالەتتىن قۇتۇلالايدۇ.
      جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋېن مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ مەبلەغ سوممىسى 208 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرىدۇر. مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا مۇستەقىل ئېلېكتىر تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يوللاش ۋە تەقسىملەش فۇنكسىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ توك يوللاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، توك تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
      2011 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى جۇڭگو ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرى توغرىسىدىكى توختامنى ئىمزالىدى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇددىتى 18ئاي.
      قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاندا نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن جەمئىي 18 ى بار بولۇپ، يىللىق ئەڭ چوڭ توك چىقىرىش مىقدارى 15 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش سىمى ۋە 514 چوڭ - كىچىك توك يوللاش تىرانسفورماتور پونكىتى بار ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر