ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ، مەزكۇر رايوندىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى جەھەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات پىلانىدىن قارىغاندا، يېقىنى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزبېكىستان ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ، ‹ئېل - 76› تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلاننى قۇراشتۇرالايدۇ. ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان ئاۋىئاتسىيە ئاساسىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان 2000 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دەۋر ھالقىش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يەنى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زاپچاسلىرىنىڭ تۈرى6006 خىلدىن ئاشتى.
ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى ئۇچرىتىش ناھايىتى تەس، ئەكسىچە ئۆزبېكىستاندا قۇراشتۇرۇلغان شېۋرون ۋە دايۈ ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە چېۋرولېت ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولماقتا.
ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىل سانائەت شىركىتى ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، 2010 - يىلى مەزكۇر شىركەتنىڭ ساپ پايدىسى %151.1 ئېشىپ، 15 مىليارد790مىليون سۇمغا (تەخمىنەن 9 مىليون 240 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) يەتكەن. ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىل سانائەت شىركىتى 2004 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆبېكىسان ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ %75 پېيىنى ئۆزبېكىستان تەرەپ، %5225 پېيىنى ئامېرىكىنىڭ ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى كونترول قىلىدۇ. ھازىر ئۆزبېكىستاندا يۈرىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسىنى مانا مۇشۇ ئۆزبېكىستان ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. 2010 - يىلى ئۆزبېكىستان ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 134 مىڭ دانىگە يەتكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاپتوموبىللىرى ئۆزبېكىستان بازارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە رۇسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستاندا ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئۆرلىدى، يەنى ئوتتۇرىچە ئۆرلەش نىسبىتى %18 كە يەتتى. لېكىن ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئۆزبېكىستان ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. مەزكۇر شىركەت بۇ يىل ئاپتوموبىل موتورىدىن 2000 دانىنى، 2012 - يىلى 125 مىڭ دانىنى، 2015 - يىلىغا بارغاندا 280 مىڭ دانىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا. ئۆزبېكىستاننىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، 2015 - يىلى مەزكۇر دۆلەتنىڭ پىكاپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 062 مىڭ دانىگە يېتىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، ئۆزبېكىستاندىن باشقا پەقەت قازاقىستانلا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال كۈچىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش تەجرىبىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا مول.
ھەمبەھىرلىنىڭ