قىرغىزىستان زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئوتىنبايېۋا بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قىرغىزىستانغا زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى كىلانى بىلەن كۆرۈشتى، كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىن قىرغىزىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوتىنبايېۋا كىلانىنىڭ قىرغىزىستانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹قىرغىزىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى، ئىككى دۆلەت بۇندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ›.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنە قىرغىزىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.