‹فۇبۇس› نىڭ نەچچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان 2011 - يىللىق دۇنيا دۆلەتمەنلەر رەت تەرتىپىدە، موسكۋا يەنە بىر قېتىم دۇنيادىكى دۆلەتمەنلەر ئەڭ كۆپ توپلاشقان شەھەر بولۇپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 79 دۆلەتمەن بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتمەنلەر سانى بويىچە تىزغاندىمۇ، رۇسىيەدە 101 مېلياردېر رەتكە تىزىلغان، ئامېرىكا (413 مېلياردېر بار) ۋە جۇڭگو (115 مېلياردېر بار)دىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل ياۋروپادىكى رەتكە تىزىلغان دۆلەتمەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 3/1 ىنى ئىگىلىگەن. ئالدىنقى 100 دۆلەتمەن ئىچىدە رۇسىيەلىكتىن جەمئىي 15 ى بار بولۇپ، <ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى> تۆت دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى باشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەتمەنلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئاشقان.
رۇسىيە دۆلەتمەنلەر رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ دۆلەتمىنى ۋلادىمىر. لىخىن (42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)، ئالېكسېي. مولداشاۋ (18 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە مىخائىل. پروخوروۋ (18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)دىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە »يېڭى لىبېسكىي مېتاللۇرگىيە ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى« نىڭ باش دىرېكتورى ۋلادىمىر. لىخىن پروخوروۋنى بېسىپ چۈشۈپ، بۇ يىلمۇ يەنە داۋاملىق رۇسىيە مېلياردېرى بولۇپ باھالاندى.
ھەمبەھىرلىنىڭ