جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر خەلقئارالىق شىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ سۇچىلىق تۈرىگە ئېرىشتى

90 2011-11-02 12:43:04   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو سۇ ئېلېكتر خەلقئارالىق شىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسىدىكى سۇ ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش تۈرىگە ئېرىشتى. تۈر ئومۇمىي مەبلىغى48 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ جۇڭگو سۇ ئېلېكتىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر چوڭ تۈرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان بازارلىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىش، شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
      ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسىدىكى سۇ ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش تۈرى خەلقئارالىق گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسى مەبلەغ ئاجراتقان، ئۆزبېكىستان دېھقانچىلىق سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولغان تۈر بولۇپ، ئاساسەن فەرغانە ۋادىسىدىكى mk1200 لىق دائىرىدىكى سۇ كۆلچىكى ۋە زەيكەشلىكنى رېمونت قىلىش، يەر ئاستىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇش، ۋېرتىكال سۇ چىقىرىۋېتىش قۇدۇقىنى رېمونت قىلىش ۋە قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي قاپلىنىش دائىرىسى 67 گېكتارغا يېتىدۇ. ئىشلەش مۇددىتى 40 ئاي، جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر گۇرۇھى قارمىقىدىكى سۇ ئېلېكتىر 13 - باشقارمىسى ئەمەلىي مەشغۇلاتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسىدىكى سۇ ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوننىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر