رۇسىيە ‹نامو كەسپىنىڭ2015- يىلىدىن بۇرۇنقى تەرەققىيات پىلانى› دا مۆلچەرلىنىشىچە، 2016 - يىلىغا بارغاندا، رۇسىيە نامو مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى 10 ھەسسە ئاشىدىغان بولۇپ، 2009 - يىلىدىكى 18 مىليارد رۇبلىدىن ئېشىپ، 900 مىليارد رۇبلىغا يېتىدىكەن. دۆلەتلىك نامو تېخنىكىسى گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: مەزكۇر شىركەت ئاللىبۇرۇن زور مىقداردىكى نامو مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. مەسىلەن: نامو ۋاكسىنىسى، LED چىرىقى، يۇمشاق پىلاستىك ئېكران ۋە قان قەنتىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىقلار. رۇسىيە نامو ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدۇ ھەمدە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
رۇسىيە سانائەت - سودا مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نامو مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى قوزغىتىش تەكلىپىنى تۈزۈپ چىقتى. مەسىلەن: كارخانىلارنىڭ نامو تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى ھەمدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلەت كارخانىنى قەرز پۇل كاپالىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك (ئۈچ يىل ئىچىدە) باج ئېتىبارى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پىلانىدا نامو تېخنىكىسى ماتېرىياللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك
ھەمبەھىرلىنىڭ