تۈركمەنىستان چەت ئەللەرنىڭ نېفىتلىككە مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويدى

78 2011-11-02 12:38:02   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يېقىندا، تۈركمەنىستاننىڭ بۇندىن كېيىن چەت ئەل نېفىت شىركەتلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ قىممەتلىك قۇرۇقلۇق نېفىتلىكىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەل ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بۇندىن كېيىن كاسپىي دېڭىزىنىڭ تۈركمەنىستان تەرىپىدىكى دېڭىز ساھىلىدىكى دېڭىز ئۈستى رايونى ۋە قۇرۇقلۇق نېفىتلىكىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.
      تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە تۈركمەنىستاننىڭ قۇرۇقلۇق نېفىتلىكىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىنىش ياكى قىلىنماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹قۇرۇقلۇق نېفىتلىكىگە قارىتا بىز ھەرقانداق پىرسەنتلەشتۈرۈش كېلىشىمىنى ئىمزالىمايمىز›.
      دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكىدە چەكلىنىپ قالغان ‹nogarD› نېفىت شىركىتى، مالايسىيا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە باشقا چەت ئەل نېفىت شىركەتلىرى 2010 - يىلى دېڭىز ئۈستى مەھسۇلات مىقدارىنى پىرسەنتلەشتۈرۈش كېلىشىمىگە ئاساسەن تۈركمەنىستانغا تەخمىنەن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر