پاكىستان ئۆزبېكىستاندىن تۇنجى قېتىم پاختا ئىمپورت قىلدى

127 2011-11-01 15:30:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
پاكىستان ئىلمە توقۇلما زاۋۇتلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى قاخار ئېزىز يېقىندا مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن پاكىستاننى سودا يولى بىلەن 1 مىليون تاي پاختا بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى.
      ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان پاكىستان ئۆزبېكىستاندىن پاختا ئىمپورت قىلمىغانىدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق پاختا ئىمپورت قىلىدىغان دۆلىتى، ئۆزبېكىستاندىن پاختا ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن ئالدىن %80 نەق پۇل تاپشۇرۇش كېرەك. لېكىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، %80 لىك ئالدىن تاپشۇرۇش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئۆزبېكىستان پاختىسىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى A دەرىجىدىن يۇقىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پاختىنى A كۆرسەتكۈچى بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر