تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ پويىزلىرىنى ئىمپورت قىلدى

95 2011-11-01 15:28:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگونىڭ ئۆزئالدىغا ئىشلەپچىقارغان بىر تۈركۈم پويىزلىرى تاموژنىنىڭ زور ياردىمىدە، ئالاتاغ پورتىدىن تۈركمەنىستانغا ماڭدۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم پويىز ماتېرىيال كىرگۈزۈپ نىشانلىق سودا قىلىش ئۇسۇلىدا مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو چىڭداۋدىن تۈركمەنىستانغا توشۇلغان، بۇ پويىزلار ئالىي ئايرىمخانىلىق ۋاگون، يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگون، ئاڭلىتىش ۋاگونى، قاتتىق كارىۋاتلىق ۋاگون، گېنېراتور ۋاگونى ۋە يۈك - تاق ۋاگونىدىن تەشكىل تاپقان.
      قازاقىستان تۆمۈريولى بىلەن جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ كەڭ - تارلىقى ئوخشىمىغانلىقتىن، پويىزلار ئالاتاغ پورتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، چاقلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە توغرا كەلدى. پويىزلارنىڭ تېزدىن مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن، ئالاتاغ پورتى تاموژنىسى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، نەق مەيدان باشقۇرغۇچىلىرىنى 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىش مۇلازىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل قىلىپ، بۇ بىر تۈركۈم پويىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر