2010 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىرغىزىستاننى 187 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئادەنبايېۋ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى نىل ۋوكىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستانغا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
ئادەنبايېۋ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قىرغىزىستاندىكى ئىنسانلار تەرەققىياتى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. ۋوكىل مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ياردىمى رامكىسى ئىچىدە بۇ تەشكىلاتتىكى ھەرقايسى ئورگانلار 2010 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە قىرغىزىستاننى 187 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ