رۇسىيە تاجىكىستانغا قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى

121 2011-10-28 12:31:01   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    رۇسىيە دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى باغداساروۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: تاجىكىستان  - ئافغانىستان چېگرىسىدا، بولۇپمۇ پامىر رايونىدا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلمىگەنلىكتىن، ئافغانىستان زەھەرلىك چېكىملىكلىرىنىڭ تاجىكىستان  - ئافغانىستان چېگرىسى ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە رۇسىيە چېگرىسىدىن ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم دۇما پارلامېنت ئەزالىرى تاجىكىستانغا قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇشنى پىلانلىدى.
      تاجىكىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى قانۇن - تۈزۈم، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوروۋ جاۋابەن مۇنداق دېدى: تاجىكىستانغا قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. خوروۋنىڭ قارىشىچە، تاجىكىستاننىڭ رۇسىيەدىكى ئەمگەك كۈچلىرى رۇسىيە خەلق ئاممىسى ئىشلەشنى خالىمايدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.
      بۇندىن باشقا، تاجىكىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى 6- 5  يىلدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە ئېقىپ كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ھالدا ھەسسىلەپ ئازىيىۋېتىپتۇ. شۇڭا، خوروۋ رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تاجىكىستانغا قارىتىلغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى يەڭگىللىك بىلەن چىقىرىلغان قارار، دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر