ئېلىمىز توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت. توقۇمىچىلىق بولسا ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك بولغان كەسىپلىرىنىڭ بىرى. ئېلىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى بىرقەدەر مول، تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەن.
تاجىكىستان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياج مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، توقۇمىچىلىق ئەمگەك كۈچى زىچ ساھەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تاجىكىستاندا ئەمگەك كۈچى بىرقەدەر يېتەرلىك، شۇنداقلا ئەمگەك كۈچى باھاسىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن. ئەمما توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرقەدەر قالاق، بازار تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ھالەتتە تۇرماقتا، نۇرغۇن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تاجىكىستاننىڭ پاختا تەمىناتى بىرقەدەر يېتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر يىلى كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. پاختا ئەزەلدىنلا تاجىكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئېكسپورت تۈۋرۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى تاجىكىستان يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن %25 ىنى ئىگىلەيدۇ، يېتەرلىك بولغان پاختا تەمىناتى توقۇمىچىلىق تەرەققىياتىنى خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
گەرچە ئېلىمىز توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار تاجىكىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، شۇنداقلا تاجىكىستان بازىرىدا باھا ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەھسۇلاتنىڭ ماركېتىڭ ۋاسىتىسى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خام ئەشيا باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىز توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى ئۈستۈنلۈك ئورنى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
تاجىكىستاننىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقان جۇڭگو كارخانىلىرى خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، خام ئەشيا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە دۇچ كېلىدىغان خەلقئارا كارخانا رىقابىتى قاتارلىق خېيىم - خەتەرلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. تاجىكىستاننىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر قالاق، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ خام ئەشيا ۋە مەھسۇلات توشۇشى قۇلايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاجىكىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىناتىدا پەسىل خاراكتېرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، تاجىكىستاننىڭ كىرىم سەۋىيەسىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن، بۇ بازار كۆلىمىنىڭ چوڭ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
ھەمبەھىرلىنىڭ