قازاقىستان بىلەن ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇردى

168 2011-10-28 12:28:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 قازاقىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان بىلەن ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. قازاقىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئايتژانوۋا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەنۋەدە ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى كىرك بىلەن ھۆججەت ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئېلىپ بارغان قازاقىستان بازىرىنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاياغلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
      ئامېرىكا قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مۇساپىسىدىكى ئاساسلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىشى قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بۇرۇنراق كىرىشىگە پايدىلىق.
      قازاقىستان ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بازارنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىلىشقا چېتىلىدىغان تاموژنا مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل سۆھبەت ئېلىپ باردى، سۆھبەت ئىنتايىن جاپالىق ئېلىپ بېرىلدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتى جەھەتتە رۇسىيە ۋە بېلورۇسسىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بىرلىكتە كىرىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان قۇرغان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى2010- يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەتتە بىر تۇتاش تاموژنا بېجى نىسبىتى يولغا قويۇلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر