2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان بىر قىسىم ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تاموژنا باج نىسبىتىنى تەڭشىدى، بۇ تاۋارلار ئاساسەن قىممەت مېتاللار، مېۋە ۋە ئۇن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېكىستان ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرىدىمۇ بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى.
ئۆزبېكىستان »باج قانۇنى قامۇسى« نىڭ 208 - ماددا 12 - تارمىقىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، قىممەت مېتاللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ قىممەت مېتاللارنى ئېكسپورت قىلغاندا %20 قىممىتى ئاشقان باج ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۆزبېكىستان باج تارماقلىرى بۇ ھەقتە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇش ئۆزبېكىستان قازمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ »ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا باج نىسبىتىنى باشقۇرۇش چارىلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاش« قا ئائىت بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان مېۋە ۋە ئۇن ئىمپورت قىلغاندا ئىستېمال بېجى ئالىدىغان، باج نىسبىتى مېۋە قىممىتىنىڭ %52 ى بويىچە، ئۇن قىممىتىنىڭ %15 ى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولدى.
2011 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆزبېكىستان مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت باج كومىتېتى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان 2195 - نومۇرلۇق بۇيرۇققا ئاساسەن، ئېكسپورت قىلىنىپ تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان تاۋارلارغا نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغان بولدى:
1. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭ 2010 - يىلى 21 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېلان قىلغان 1994 - نومۇرلۇق ‹2011 - يىلىدىكى دۆلەت خام چوتىنىڭ ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ۋە سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدىكى مۆلچەر› گە ئائىت بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆزى تاۋار ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار تاپشۇرىدىغان پايدا بېجى، مال - مۈلۈك بېجى ۋە بىرلىككە كەلگەن باج نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەتتى. ئەگەر ئېكسپورت نىسبىتى %30-%15 بولسا، كارخانىلار تاپشۇرىدىغان پايدا بېجى، مال - مۈلۈك بېجى ۋە بىرلىككە كەلگەن باج نىسبىتى %30 تۆۋەنلىتىلىدىغان بولدى؛ ئەگەر ئېكسپورت نىسبىتى %30 تىن يۇقىرى بولسا، يۇقىرىدىكى باج نىسبىتى %50 تۆۋەنلىتىلىدىغان بولدى.
2. 2000 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنېتىنىڭ »سودا بازارلىرىدىن باشقا پېرېۋوت يارىتىدىغان بازارلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىش تەدبىرلىرى« گە ئائىت 542 - نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار تاۋار ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تاشقى پېرېۋوت كىرىمىدىن مەجبۇرىي راسچوت قىلىش كەچۈرۈم قىلىندى.
3. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يولغا قويىۋاتقان ‹چەت ئەللەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى› نىڭ 2112 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چەت ئەل كاپىتالىدىكى كارخانىلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلسا ئىجازەتنامە بولمىسىمۇ بولىدۇ ھەم نورما بەلگىلەنمەيدۇ.
4. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى 1997 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىمزالاپ تارقاتقان 1831 - نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چەت ئەل كاپىتالىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالدىن پۇل تاپشۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلسا ئېكسپورت تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئۆزبېكىستان تاموژنا كومىتېتى 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىلمە توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغان چاغدىكى تاموژنا بېجىنى تەڭشىدى، يەنى ئەسلىدىكى %30 تىن %50 كە ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ھەربىر قۇر كىيىم - كېچەك ئۈچۈن ئېلىنىدىغان 0.3-0.5 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە باجنى ئەمەلدىن قالدۇردى، گىلەم قاتارلىق تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى بولسا %30 تىن %120 كە ئۆستۈردى.
ئۆزبېكىستان تاموژنا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى چارە - تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى باراۋەر رىقابەت مۇھىتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە، ئىمپورت تەننەرخىنىمۇ تۆۋەنلەتكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ