جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ تارىخىي ئىسپاتىدۇر. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم ھالەتتە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، يۇقىرى قاتلام ئۆزئارا زىيارىتىنىڭ كۆپىيىشى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودىسى داۋاملىق تېخىمۇ جانلاندى، سودا سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن كەڭ دائىرىلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ.
بىرىنچى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا سودىلىشىش سەۋىيەسى يېقىنقى ئوننەچچە يىل مابەينىدە تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلىدى. 1992 - يىلى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا سوممىسى ئاران 725 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2005 - يىلىغا كەلگەندە 8 مىليارد 730 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %19.7 بولدى. 2010 - يىلى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىچىك سوممىلىق سودىدىلا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 26 مىليارد 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %24.3 ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 16 مىليارد 410 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %19.4 ئاشتى، ئىمپورت سوممىسى بولسا 9 مىليارد 630 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %33.8 ئاشتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سانى 400 مىڭدىن ئاشتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، تىرانسپورت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق مۇلازىملىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقى جەھەتتە، خام ئەشيانى چەت ئەلدە پىششىقلاپ ئىشلەش، چەت ئەللەرگە ياردەم بېرىش تۈرى قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. چېگرا سودا كارخانىلىرى زامانىۋى كارخانا تەشكىلىي مېخانىزمى، باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە تىجارەت مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. زور بىر تۈركۈم غەيرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىي كارخانىلار چېگرا سودا پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، چېگرا سودىسى كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا سودىسىنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى.
ئىككىنچى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى دوستانە، ئىقتىسادىي تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، رايون ئەۋزەللىكى روشەن، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، شۇنداقلا يەنىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت - شارائىتىنى ھازىرلىغان. سودا ھەمكارلىقى جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار، تېلېگراف قاتارلىق تۈرلەردىكى ئېچىش ۋە ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇندىن كېيىن بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو بىلەن يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا داۋاملىق مۇقىم ۋە تېز سۈرئەتلىك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يۈرگۈزمەكتە ۋە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىنمىسى ھەمكارلىقىمۇ قانات يايدۇرۇلۇشقا باشلىدى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
قىسقىسى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ يېقىن قوشنىسى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەم ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغۇسى.
ھەمبەھىرلىنىڭ