قازاقىستان مالىيەسى بۇ يىل 7 مىليارد500 مىليون تەڭگە (تەخمىنەن 51 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)نى يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىگە تولۇقلىما قىلىپ بېرىشكە ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلىدىكى 1 مىليارد 700مىليون تەڭگىدىن3.4 ھەسسە ئاشقان.
قازاقىستان سانائىتى ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابۇدىبېكوۋ 2010 - يىلى جەمئىي 300 پارچە يېڭىلىق يارىتىش فوندى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 38 پارچىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېيتتى.
قازاقىستان بېكىتكەن 4 خىل يېڭىلىق يارىتىش تولۇقلىمىسى چەت ئەل پاتېنت تەشكىلاتلىرى ئىلتىماس قىلغان پاتېنت، يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن دەلىللەش، تەجرىبە لايىھەسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ھۈنەر سەنئىتىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا بېرىلدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ