تۆمۈريول مېنىستىرلىقى يېقىندا<<ئىشچى - خىزمەتچى ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرى>>نى تارقىتىپ،تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچى ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە قارىتا يېتەكچى پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى،ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ،تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.
پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:تارىخىي سەۋەپ تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بولۇپمۇ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ماددىي،مەنىۋىي تۇرمۇشىدا بەزىبىر قېيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا،مەسلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇئاش قوشۇشقا ئىنتىلمەكتە،قىسمەن يول ياقىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى نىسپەتەن جاپالىق،ياقا يۇرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش قېيىنچىلىقى ئېغىر،ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ قاتارلىقلار.بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقى قوغداش كېرەك.
تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىكىردە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۇپ،يول ياقىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ،ياقا يۇرتلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش قېيىنچىلىقىنى ھەقىقى ھەل قىلىپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش،بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقى كۆڭۇل بۆلۇپ،ئۇلارنىڭ ئارتۇق ئەمگەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق 10 تۈرلۈك يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلدى.