ئامېرىكا ئاسىياغا «قايتىپ كەلمەكچى» بولۇۋاتىدۇ

0 2011-10-11 10:23:54   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
          ئامېرىكا «ئاسىياغا قايتىپ كېلىمىز»دەپ داۋراڭ سالدى .كىشىلەر بۇنى «بۇلتۇرقى ئىستىراتېگىيەلىك تەڭشەشنىڭ زور ئالاھىدىلىكى» دەپ قارىدى . ئەمەلىيەتتە، بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىستىراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تولۇق بولمىغان يەكۈندىن ئىبارەت . ئامېرىكا ئاسىيادىن ئەزەلدىن «ئايرىلىپ باقمىغان»تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ «قايتىپ كېلىش» دېگىلى بولسۇن؟ .
    بىراق، ئامېرىكىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇشۇ ھەپتە ھەقىقەتەن ئاسىياغا بىر قېتىم «قايتىپ كەلدى».
     بۇلتۇر نويابىردا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، دۆلەت كاتىپى ھىلارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس ئۈچ يولغا بۆلىنىپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تەڭلا دېگۈدەك زىيارەت قىلدى. بۇ مەزكۇر رايوننىڭ ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى . بۇ يىل يانۋاردا، ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە رەھبىرى يەنە «ئاسىياغا قايتىپ كەلدى»: 9-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە گايتس جۇڭگودا ؛ 11-يانۋار ھىلارى يەمەندە ؛ 12-يانۋار مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدېن پاكىستاندا تويۇقسىز زىيارەتتە بولدى، شۇ كۈنى گايتىس ياپونىيەدە، 14-يانۋار كورېيەدە زىيارەتتە بولدى.
    يېڭى يىل باشلىنىش بىلەنلا، ئاسىيا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زور دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ سەھنىسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە.
      گايتىس جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى كۆپ جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، باشقىلارغا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بەردى. گەرچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئالاقىسى ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم  قەدەم بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سۆھبىتى ۋە ئالاقىسى شۈبىھىسىزكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك ئىشەنچ ئورنىتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يەنە كېلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. شۇڭا، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئارىسىدىكى ساغلام ۋە مۇقىم مۇناسىۋەت 21-ئەسىردە ئىجابىي ۋە ئەتىراپلىق ھەمكارلىشىدىغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
   گايتس جۇڭگودىن ئايرىلىپلا ياپونىيەگە بېرىپ ،بىر تەرەپتىن جۇڭگو-ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولدى، بۇنى تىپىك «ئىككى قولدا تۇتۇش» ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. گايتس جۇڭگو ۋە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، يەنە كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا-كورېيە ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلدى.
       ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەدىكى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شەرقىي شىمال ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى بولسا، يەمەن ۋە پاكىستاندىكى دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەت، دېيىشكە بولىدۇ.
     «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»گە ئون يىلغا يېقىن بولدى، بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. لېكىن كونا خەۋپلەر تۈگىمەي تۇرۇپلا، يېڭى خەۋپلەر بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە تېررورلۇققا قانچە قارشى تۇرغانسېرى،تېررورلۇق شۇنچە ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئافغانسىتان ئۇرۇشىدىن كېيىن، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگىسىدىكى رايون «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى. 2009-يىلىدىن باشلاپ، يەمەنمۇ «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىنىڭ يېڭى مۇھىم بازىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار يەمەندە ئۈزلۈكسىز تېررورلۇق تەھدىتى پەيدا قىلىپ، يەمەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نىشانلارغا ئۈزۈلدۈرمەي ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇشۇ ھەپتە ئىككى قېتىم تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇپ، زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەرگە مەبلەغ ۋە كۈچ ياردەم قىلدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ يەمەن ۋە پاكىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
      بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ ئاسىياغا «قايتىپ كېلىپ»،  شەرققە «يۈرۈش قىلىشى»،جۇڭگو-ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، غەربىي تەرەپتىن «مۇداپىئەلىنىپ»، تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان توساقلارنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەرق ۋە غەربتە قوللانغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇلار كېيىنكى قېتىم ئاسياغا «قايتىپ كەلگەن»دە ئاندىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博