ئامېرىكا خەلقى ۋاشىنگتوندا ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلىدى

0 2011-10-10 10:07:35   جۇڭگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

        تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن %37 پېشقەدەم ئەسكەر ئۆزلىرىنى يارىدار بولغاندىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرۇش توسالغۇغا ئۇچراش يىغما كېسىلى بولۇپ قالدۇق دەپ قارىغان، %44 ئەسكەر جەمئىيەتكە قايتىدىن سىڭىپ كىرىشىمىز تەس بولماقتا دەپ قارىغان، %33 ئەسكەر ئامېرىكىنىڭ ئىگە بولغانلىرى ۋە مەھرۇم بولغانلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشى ئەرزىمەس ئۇرۇش بولۇپ قالدى دەپ قارىغان. 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلىغىنىغا 10 يىل بولغان خاتىرە كۈن. ئامېرىكا شۇكۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 10 يىللىق ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى زور بېسىمغا ئۇچرىدى، 1800 غا يېقىن ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يارىلاندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مۈشكۈل ئون يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博