ئامېرىكا<<نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى>>تورى 6-ئۆكتەبىر تىلگىراممىسى:ئوباما پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئۇ مۇنداق دېدى:ئاففانىستان ئىچىدىكى ئامېرىكىغا قارشى ئۈرۈش كۈچلىرىنىڭ پاكىستاندىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى بار،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ ئالاقىدار ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋەدىسىگە كۆڭۇل بۆلىدۇ.
ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئوباما پاكىستاننىڭ ئاففانىستان مەيدانى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا ۋاستىلىق ھالدا پاكىستاننى تەنقىد قىلدى.ئامېرىكا ۋە ئاففانىستان ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ قارىدى:پاكىستان تالىباننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇنداقلا ئىتتىپاقداش خوشىنىلار ئىچىدىكى ئېسىيانچى تەشكىلاتلارنى قوللاپ،مۇقىم بولغان ئاففانىستان ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئاففانىستان ئۇرۇشىنىڭ تەدىرىجى ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا توسالغۇ بولماقتا.
ئوباما مۇنداق دېدى:ئامېرىكا كەلگۈسىدە پاكىستان تەمىنلىگەن ھەمكارلىققا قارىتا ئۈزلۈكسىز باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.شەك-شۈبىھىسىزكى،ئەگەر بىز ئۇلارنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ-دەپ قارىساق ئۇ ھالدا بىز پاكىستان بىلەن ئورناتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتىن بىئارام بولىمىز.
ھەمبەھىرلىنىڭ