گېڭ يىڭشېڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇراللىق ياراق سېتىپ بېرىشى ھەققىدە توختالدى

02011-09-30 11:20:55   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يىڭشېڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇراللىق ياراق سېتىپ بېرىشى، جەنۇبى دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   ئۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال ياراق سېتىپ بېرىش ئىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارمىيەسى بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ياراق سېتىپ بېرىشىدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال ياراق سېتىپ بېرىشىنىڭ ئېغىر زىيىنى سەۋەبىدىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ پىلان ئىچىدىكى قىسمەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى، بىرلەشمە مانېۋىرى، چوڭ پائالىيەتلەر جەزمەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

    گېڭ يىڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنى دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى مۇناسىۋىتىگە سالىدىغان ئېغىر زىياننى تۈگىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگوغا بەرگەن ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشىنى توختىتىش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى قوللاپ ،ئىككى دۆلەت ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام سىجىل مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز.

    گېڭ يىڭشېڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل ، ئېنىق . جۇڭگو نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىگە قارىتا مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلىشىش ۋە دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، جەنۇبى دېڭىز تالاش تارتىشىنى تىنچ ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىنى كۆپ تەرەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان، خەلقئارالاشتۇرىۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۈرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى، تولدۇرۋالغۇسىز ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رايون تىنچلىقى مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.